باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىرى سايلاپ چىقىلدى

ۋاڭ ياڭ مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسلىكىگە سايلاندى

2018.03.15 15:08   مەنبە: خەلق تورى

ۋاڭ ياڭ مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسلىكىگە سايلاندى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تىرىشىپ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش مۇساپىسىدە، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ كونا، يېڭى رەھبەرلىرى يەنە بىر قېتىم ئوڭۇشلۇق نۆۋەت ئالماشتۇردى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ۋاڭ ياڭ 14-مارت چۈشتىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك كومىتېتى1-يىغىنىنىڭ 4-ئومۇمىي يىغىنىدا مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسلىكىگە سايلاندى. يىغىندا يەنە مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ 24 مۇئاۋىن رەئىسى سايلاپ چىقىلدى.

  سايلام نەتىجىسى ئوقۇپ ئۆتۈلۈشتىن ئىلگىرى، سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭ يىغىن مەيدانىغا كېلىپ، ۋۇجۇدقا كېلىش ئالدىدا تۇرغان يېڭى بىر نۆۋەتلىك سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنى تەبرىكلىدى. سائەت 17 دىن 15 مىنۇت ئۆتكەندە، يىغىن رىياسەتچىسى ۋاڭ ياڭنىڭ سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغانلىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، يۈ جېڭشېڭ بىلەن ۋاڭ ياڭ قىزغىن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى، پۈتۈن مەيداندا ئۇزاققىچە ئالقىش ياڭرىدى.

  يىغىندا سايلاپ چىقىلغان سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرى: جاڭ چىڭلى، ليۇ چىباۋ، پابالا گېلىلاڭجيې، دۇڭ جيەنخۇا، ۋەن گاڭ، خې خوۋخۇا، لۇ جەنگۇڭ، ۋاڭ جېڭۋېي، ما بياۋ، چېن شياۋگۇاڭ، لياڭ جېنيىڭ، شيا باۋلۇڭ، ياڭ چۈەنتاڭ، لى بىن، باتېر، ۋاڭ يۇڭچىڭ، خې لىفېڭ، سۇ خۇي، جېڭ جيەنباڭ، گۇ شېڭزۇ، ليۇ شىنچېڭ، خې ۋېي، شاۋ خۇڭ، گاۋ يۈنلۇڭ.يىغىندا شيا باۋلۇڭ سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ باش كاتىپلىقىغا سايلاندى، يىغىندا يەنە سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 300 ئەزاسى سايلاپ چىقىلدى.

  يىغىن سائەت 15تە خەلق سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى. جاڭ چىڭلى، دۇڭ جيەنخۇا، خې خوۋخۇا، لياڭ جېنيىڭ يىغىننىڭ ئىجرائىيە رەئىسى بولدى، جاڭ چىڭلى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ ئەزاسى جەمئىي 2158 بولۇپ، بۈگۈنكى يىغىنغا 2144 ئەزا قاتناشتى، بۇ، سايلامدىكى بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن.

  سايلام باشلىنىشتىن ئىلگىرى، يىغىن رىياسەتچىسى ئالدى بىلەن خىزمەتچىلەرنى باش بېلەت نازارەتچىسى، بېلەت نازارەتچىلىرىنىڭ ئىسىملىكىنى ئوقۇپ ئۆتۈشكە تەكلىپ قىلدى. باش بېلەت نازارەتچىسى، بېلەت نازارەتچىلىرى دەرھال ئورۇنلىرىغا بېرىپ تەق بولدى. بېلەت نازارەتچىلىرى يىغىن زالىدىكى 23 بېلەت ساندۇقىنى تەكشۈردى. ئىككى باش بېلەت نازارەتچىسى يىغىنغا تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى دوكلات قىلدى.

  ئارقىدىنلا خىزمەتچىلەر سايلام بېلىتىنى تارقاتتى. سايلام بېلىتى رەئىس، مۇئاۋىن رەئىسلەر، باش كاتىپنى سايلايدىغان سايلام بېلىتى ۋە دائىمىي كومىتېت ئەزالىرىنى سايلايدىغان سايلام بېلىتىدىن ئىبارەت ئىككى خىل سايلام بېلىتىگە ئايرىلدى.

  سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك كومىتېتى 1-يىغىنىنىڭ سايلام چارىسىگە ئاساسەن، يىغىندا يوشۇرۇن ئاۋاز بېرىش ئۇسۇلى قوللىنىلدى. رەئىس، مۇئاۋىن رەئىسلەر، باش كاتىپ ۋە دائىمىي كومىتېت ئەزالىرى تەڭ نامزاتلىق سايلام چارىسى ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلدى. نامزاتلار بارلىق ئەزالار قوشۇلۇپ بەرگەن ئاۋاز سانىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىگە ئېرىشىپ سايلاندى. خىزمەتچىلەر سايلام بېلىتىنى تولدۇرۇش تەلىپىنى ئوقۇپ ئۆتكەندىن كېيىن، ئەزالار سايلام بېلىتىنى تولدۇرۇشقا باشلىدى. بېلەت تاشلاش باشلانغاندىن كېيىن، باش بېلەت نازارەتچىسى، بېلەت نازارەتچىلىرى ئورنىغا كەلدى ھەم ئالدى بىلەن بېلەت تاشلىدى، ئەزالار ئولتۇرغان رايونى بويىچە بەلگىلەنگەن بېلەت ساندۇقىغا بېلەت تاشلىدى.

  خىزمەتچىلەر يىغىلغان بېلەتنى ساناپ بولغاندىن كېيىن، باش بېلەت نازارەتچىسى يىغىن رىياسەتچىسىگە بېلەت تاشلاش نەتىجىسى دوكلاتىنى تاپشۇردى. يىغىن رىياسەتچىسى: سايلام كۈچكە ئىگە، دەپ جاكارلىدى.

  بېلەت ھېسابلاش تاماملانغاندىن كېيىن، خىزمەتچىلەر سايلام بېلىتىنى ھېسابلاش نەتىجىسىنى ئوقۇپ ئۆتتى. سايلام نەتىجىسىدە رەئىس، مۇئاۋىن رەئىسلەر، باش كاتىپ ۋە دائىمىي كومىتېت ئەزالىرىدىن بولۇپ جەمئىي 325 نامزاتنىڭ ئېرىشكەن ئاۋاز سانى ئومۇمىي ئەزا سانىنىڭ يېرىمىدىن ئېشىپ، ھەممىسى سايلاندى.

  يېڭىدىن سايلانغان مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى، مۇئاۋىن رەئىسلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە يېشى 64 ياش، مۇئاۋىن رەئىسلەر ئىچىدە كومپارتىيە ئەزاسى 11، كومپارتىيە ئەزاسى ئەمەس زاتلار 13، ئاز سانلىق مىللەت زاتلار تۆت، ئايال ئىككى. يېڭىدىن سايلانغان دائىمىي كومىتېت ئەزالىرىنىڭ ئوتتۇرىچە يېشى 59.3 ياش، بۇنىڭ ئىچىدە كومپارتىيە ئەزاسى ئەمەس زاتلار 195 بولۇپ، %65 نى ئىگىلىدى؛ ئاز سانلىق مىللەت زاتلار 33؛ ئايال 39.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·مائارىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش نامراتلىقنىڭ ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد داۋاملىشىشىنى توسۇيدۇ
    ·مائارىپ سېلىنمىسىنى داۋاملىق ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىغا مايىللاشتۇرۇش كېرەك
    ·مائارىپ قىزلارنىڭ تەقدىرىنى نۇرلاندۇرىدۇ___ خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى جىكې شىۋۇنىڭ نەزىرىدىكى ئاز سا…
    ·تيەنجىن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سەنئەت ئالاھىدىلىكى سىنىقى باشلاندى
    ·ئالىي مائارىپنىڭ دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىش كېرەك
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى چېن باۋشېڭ: مەكتەپنى ئەڭ نۇرلۇق ۋە ئەڭ بىخەتەر جاي قىلىپ قۇرۇپ چى…
    ·ئولىمپىك تەربىيەسى مەملىكەتلىك ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇ-ئوقۇتۇش مەزمۇنىغا كىرگۈزۈلىدۇ
    ·ئورتاق تىلنى ئومۇملاشتۇرۇش نىسبىتى نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنىڭ ئۈنۈمىنى باھالاش دائىرىسىگە كىرگۈزۈ…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: 2020-يىلىدىن بۇرۇن تۈرلۈك ئالاھىدىلىكى بار ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىش ئەمەلدىن…
    ·ئۈرۈمچىدىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئوقۇش باشلاندى