خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 3-ئاينىڭ 14-كۈنى، گېرمانىيە پايتەختى بېرلىندا، مېركىل قەسەم بېرىپ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمىغا قاتنىشىشقا تەييارلاندى. مېركىل 14-مارت گېرمانىيە فېدېراتسىيە پارلامېنتىدىكى بېلەت تاشلاشتا 4-قېتىم گېرمانىيەنىڭ زۇڭلىلىقىغا سايلاندى. شۇ كۈنى، گېرمانىيە فېدېراتسىيە پارلامېنتى زۇڭلى سايلىمىغا بېلەت تاشلاش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى، مېركىل جەمئىي 364 ئاۋازنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى، بۇ، سايلىنىشقا تېگىشلىك بېلەت سانىدىن يۇقىرى. يەنە پارلامېنتنىڭ 315 ئەزاسى قارشى بېلەت تاشلىدى، توققۇز كىشى ھوقۇقىدىن ۋاز كەچتى. قالغان پارلامېنت ئەزالىرى ئىناۋەتسىز بېلەت تاشلىدى ياكى بېلەت تاشلىمىدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى