باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

13–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1–يىغىنى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسلەر 4–يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنىنىڭ ھەيئەت رىياسىتى 5-يىغىن ئۆتكۈزدى

لى جەنشۇ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

2018.03.16 16:04         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسلەر 4 – يىغىنى 15-مارت چۈشتىن كېيىن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى. يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى لى جەنشۇ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا قۇرۇلتاينىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى شىن چۈنيىڭنىڭ قۇرۇلتاي كاتىبات باشقارمىسىنىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنى قاراپ چىقىش ۋە ئۇنىڭغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئەھۋالى شۇنداقلا قارار لايىھەسىنىڭ ۋاكالىتەن تەييارلانغان نۇسخىسى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.

  يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مالىيە-ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزاسى شۈ شاۋشى ئايرىم-ئايرىم ھالدا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مالىيە-ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ 2017-يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى بىلەن 2018-يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانى لايىھەسىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسى دوكلاتىغا ئائىت ئەھۋاللاردىن بەرگەن دوكلاتى، 2017-يىللىق مەركەز ۋە يەرلىك خامچوتىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى بىلەن 2018-يىللىق مەركەز ۋە يەرلىك خامچوتى لايىھەسىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسى دوكلاتىغا ئائىت ئەھۋاللاردىن بەرگەن دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.

  يىغىندا شىن چۈنيىڭنىڭ قۇرۇلتاي كاتىبات باشقارمىسىنىڭ 2017-يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى بىلەن 2018-يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانى توغرىسىدىكى قارار لايىھەسىنىڭ ۋاكالىتەن تەييارلانغان نۇسخىسى، 2017 -يىللىق مەركەز ۋە يەرلىك خامچوتىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى بىلەن 2018-يىللىق مەركەز ۋە يەرلىك خامچوتىنىڭ قارار لايىھەسىنىڭ ۋاكالىتەن تەييارلانغان نۇسخىسى توغرىسىدا بەرگەن دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنىنىڭ ھەيئەت رىياسىتى 15-مارت چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا 5-يىغىن ئۆتكۈزدى. يىغىندا ئاۋازغا قويۇلۇش ئارقىلىق 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنىنىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات، پىلان دوكلاتى، خامچوت دوكلاتى توغرىسىدىكى قارار لايىھەسى ۋە رېۋىزىيە قانۇنى لايىھەسىنىڭ تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن نۇسخىسى قاتارلىقلارنى ھەر قايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇش قارار قىلىندى.

  ھەر قايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى 5-مارت چۈشتىن كېيىن ۋە 6-مارت پۈتۈن بىر كۈن ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنى ئەستايىدىل قاراپ چىقتى. ۋەكىللەر بىردەك: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت ئاساسىي رىتىمىدا، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، خەلقنى مەركەز قىلىدىغان تەرەققىيات ئىدىيەسى تولۇق نامايان قىلىندى، بۇ بايراقنى ئېگىز كۆتۈرگەن، راستچىل، ئەمەلىيەتچىل بولغان، ئىسلاھ قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىلغان، قەلب ۋە كۈچلەرنى مۇجەسسەملەيدىغان ياخشى دوكلات بولدى، دەپ قارىدى. ۋەكىللەر ئومۇميۈزلۈك ھالدا بۇ دوكلاتنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ۋەكىللەر گوۋۇيۈەننىڭ بەش يىلدىن بۇيانقى خىزمەتلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، بۇ يىللىق خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا ئومۇميۈزلۈك قوشۇلدى. قاراپ چىقىش جەريانىدا، ۋەكىللەر بەزى پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى بەردى. گوۋۇيۈەن ۋەكىللەرنىڭ قاراپ چىقىش پىكىرىنى ئەستايىدىل مۇزاكىرە قىلغاندىن كېيىن، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتقا يەنىمۇ تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، 86 ئورۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزدى. ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسلىرى ھەر قايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ قاراپ چىقىش پىكرى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ تۈزىتىش كىرگۈزۈشىگە ئاساسەن، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنى تەستىقلاش تەكلىپى بەردى ۋە ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنىڭ قارار لايىھەسىنى ۋاكالىتەن تەييارلىدى. يىغىندا ئاۋازغا قويۇلۇش ئارقىلىق 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنىنىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات توغرىسىدىكى قارار لايىھەسىنى ھەر قايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ قاراپ چىقىشغا سۇنۇش قارار قىلىندى.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مالىيە-ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزاسى شۈ شاۋشى يىغىنغا مالىيە-ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ 2017-يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى بىلەن 2018-يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانى لايىھەسىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن دوكلات بەردى. مالىيە-ئىقتىساد كومىتېتى مۇنداق قارىدى: 2017-يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ئومۇمىي جەھەتتىن ياخشى بولدى، گوۋۇيۈەن ئوتتۇرىغا قويغان پىلان دوكلاتى ۋە 2018-يىللىق پىلان لايىھەسىدىكى ئاساسلىق نىشان ۋە خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئومۇمىي جەھەتتىن يولغا قويۇشقا بولىدۇ، گوۋۇيۈەن ئوتتۇرىغا قويغان «2017-يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى بىلەن 2018-يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانى لايىھەسى توغرىسىدىكى دوكلات»، 2018-يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلان لايىھەسىنى تەستىقلاش تەكلىپى بېرىمەن.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر