خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 3- ئاينىڭ 15- كۈنى، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇرۇسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ۋە مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 13- نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1- يىغىنىدا خەۋەر بېرىشكە قاتناشقان مەركەزدىكى ئاساسلىق تاراتقۇلار ۋە مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش بەنگۇڭتىڭىغا قاراشلىق تاراتقۇلارنىڭ مەسئۇل خادىملىرى ۋە تەھرىر مۇخبىر ۋەكىللىرىنى يوقلىدى، ھەمدە يىغىندا خەۋەر بېرىشكە قاتناشقان تاراتقۇ خىزمەتچىلىرىدىن سەمىمى ھال سورىدى ۋە ئۇلارغا چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى