- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئامېرىكا ھەرىكەت قىلىشقا تەييارلاندى؟
رۇسىيە ئامېرىكىنى دەمەشىقكە ھاۋادىن ھۇجۇم قىلماسلىققا ئاگاھلاندۇردى
2018.03.15 16:46 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: رۇسىيە ھەربىي تەرەپ رەھبىرى ۋالېرىي گراسىموف 13-مارت: سۇرىيەدىكى ئۆكتىچى قوراللىق كۈچلەر شەرقىي گۇتا رايونىدا خىمىيەۋى قورال ھۇجۇمىغا «رېژىسسورلۇق قىلدى»، ئامېرىكا بۇنى باھانە قىلىپ، باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد ئارقىلىق سۇرىيە پايتەختى دەمەشىقكە ھاۋا ھۇجۇمى قىلماقچى بولۇۋاتىدۇ، دېدى.
گراسىموف ئاگاھلاندۇرۇپ: ئەگەر شۇنداق قىلسىلا، رۇسىيە تەرەپ سۇرىيەدە تۇرۇشلۇق ھەربىيلىرىنى تەھدىتكە ئۇچرىدى دەپ قاراپ، «ئۆچ ئالىدۇ»، دېدى.
ئامېرىكىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى نىككى خالېي بىر كۈن بۇرۇن: ئەگەر زۆرۈر بولسا، ئامېرىكا «ھەرىكەت» قىلىشقا تەييارلاندى، دېگەن ئىدى. ئامېرىكىنىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق دىپلوماتىيە ئەمەلدارى: بۇ ئۇچۇر «تونۇشلۇق»تەك قىلىدۇ، دېدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر