باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

ۋاڭ ياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1-قېتىملىق رەئىسلەر يىغىنى ئېچىلدى

سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 1-يىغىنىنى 15-مارتتىن 16-مارتقىچە ئېچىش قارار قىلىندى

2018.03.16 16:10         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1-قېتىملىق رەئىسلەر يىغىنى 15-مارت چۈشتىن كېيىن بېيجىڭدا ئېچىلدى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ۋە سۆز قىلدى.

  يىغىندا سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى 1-يىغىنىنىڭ قارالمىلىرى(لايىھە)، كۈنتەرتىپى ۋە سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك كومىتېتى مەخسۇس كومىتېتلىرى ئەزالىرىنىڭ ئىسىملىكى قاراپ چىقىپ ماقۇللىنىپ، سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 1-يىغىنىنى 15-مارتتىن 16-مارتقىچە بېيجىڭدا ئېچىش قارار قىلىندى.

  يىغىندا سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مەخسۇس كومىتېتلارنى تەسىس قىلىش توغرىسىدىكى قارارى (لايىھە)، سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپلىرىنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش ئىسىملىكى(لايىھە)، سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك كومىتېتى مەخسۇس كومىتېتلىرىنىڭ مۇدىرلىرى ۋە مۇئاۋىن مۇدىرلىرى ئىسىملىكى(لايىھە) قاراپ چىقىلدى. يىغىندا يۇقىرىقى لايىھەلەرنى سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 1-يىغىنىغا قاراپ چىقىشقا سۇنۇش قارار قىلىندى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قوشۇمچە باش كاتىپى شيا باۋلۇڭ ئالاقىدار لايىھەلەر توغرىسىدا ئىزاھات بەردى.

  ۋاڭ ياڭ مۇنداق دېدى: ھېلىلا يېپىلغان سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1-يىغىنىدا رەئىسلەر يىغىنىنىڭ ئەزالىرى سايلاپ چىقىلىپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك رەھبەرلىك بەنزىسى ۋۇجۇدقا كەلدى. بۇ پارتىيە ۋە خەلقنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقى، شۇنداقلا پۈتۈن ئەزالارنىڭ بىزگە ئىشەنگەنلىكى. بىز ئورتاق تىرىشىپ، مەجبۇرىيىتىمىزنى ئادا قىلىپ، مۇھىم تاپشۇرۇقنى يەردە قويماي، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى ئىشلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىشىمىز كېرەك. رەئىسلەر يىغىنىنىڭ ئەزالىرى بىرىنچىدىن چوقۇم توغرا سىياسەت يۆنىلىشىدە چوڭ تۇرۇشى، ئىككىنچىدىن باشلامچىلىق بىلەن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى، ئۈچىنچىدىن باشلامچىلىق بىلەن دېموكراتىيەنى ئەۋج ئالدۇرۇشى، تۆتىنچىدىن باشلامچىلىق بىلەن ئامما بىلەن ئالاقە باغلىشى كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر