باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلىنىڭ «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش دەستۇرى»

2018.03.16 16:27         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىككى يىغىن مەزگىلىدە، جياڭسۇ ۋەنشۇن ماشىنا-ئېلېكتىر گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى جوۋ شەنخۇڭ، سىچۈەن ئۆلكىسى ساڭشى ناھىيەسى بەييى بازىرى شيۇيۈن كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى لى جۈن، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى جالۇت ئايمىقى بايانتالاسۇم شەرقىي ساراگاجا يېزىسىنىڭ پارتىيە ياچېيكا شۇجىسى ۋۇ يۈنبو، ئەنخۈي ئۆلكىسى يېزا ئىگىلىك ئاكادېمىيەسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاۋ ۋەنپىڭ قاتارلىق مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تۆت ۋەكىلى «بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر» ئالاقە تېرمىنالىنىڭ «مىكرو مۇھىم خەۋەر» سەھىپىسىدە «مېنىڭ نامراتلىقنى يۆلەش ھېكايەم» ۋە «مېنىڭ نامراتلىقنى يۆلەش تەكلىپىم» دېگەن ماقالىسىنى يوللاپ، 60 مىليون قېتىم كۆرۈلۈش ۋە كۆپلىگەن ئىنكاسلارغا ئېرىشتى.

  ۋەكىل جوۋ شەنخۇڭ مۇنداق دېدى: «ئۇچۇرنىڭ دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈلۈشى، تارقىتىلىشى نامراتلىقنى دەل جايىدا يۆلەشكە نىسبەتەن ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدۇ. <مىكرو مۇھىم خەۋەر> بىزنىڭ نامراتلىقنى يۆلەش تەجرىبىمىزنى، نامراتلىقنى يۆلەش ئىدىيەرىمىزنى مۇشۇ ئۇچۇرغا ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە يەتكۈزدى.» ئىككى يىغىن مەزگىلىدە، جاۋ ۋەنپىڭ «مىكرو مۇھىم خەۋەر»دە ئېلان قىلغان ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئېكولوگىيە تولۇقلىمىسىنى ۋە ئېكولوگىيەلىك نامراتلىقنى يۆلەش سىياسەت-تەدبىرلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە ئائىت يازمىسى 8 مىليون 510 مىڭ قېتىم كۆرۈلۈشكە ئېرىشتى.

  ۋەكىل لى جۈن مۇنداق قارىدى: كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشتە، ھەل قىلىشقا تېگىشلىك ئەڭ چوڭ مەسىلە مەھسۇلاتنى قانداق سېتىش، كىمگە سېتىش بولۇپ، بۇ ئالاقە تورىنىڭ دەل جايىدا ئۇچۇر يوللىشىغا باغلىق. «بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر» تېرمىنالىنىڭ «تاغ ۋە ئورمان مەھسۇلاتلىرىنى مۇھىم خەۋەر تېرمىنالىغا چىقىرىش» نامراتلىقنى يۆلەش جامائەت پاراۋانلىقى تۈرى، سۇپىسىنىڭ تېخنىكا ئەۋزەللىكى ۋە چوڭ سانلىق مەلۇماتقا تايىنىپ نامرات رايونلاردىكى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى دەل جايىدا ئۇچۇر تارقىتىش سۇپىسى بىلەن تەمىنلەپ، نامرات رايونلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، كىرىمنى كۆپەيتىشىگە ياردەم بەردى.

  ۋەكىل ۋۇ يۈنبو ھەمكارلىق كوپىراتىپى ئارقىلىق، ئۆز كەنتىدىكى 77 نامرات ئائىلىنىڭ ھەممىسىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپلا قالماي، يەنە ئەتراپتىكى 21 كەنتتىن 130 نەچچە نامرات ئائىلىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشقا يېتەكلىدى. ھازىر ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ ئومۇمىي مۈلكى 34 مىليون يۈەنگە يەتتى، مەملىكىتىمىزدىكى نۇرغۇن شەھەردە مەھسۇلاتلىرىنى بىۋاسىتە سېتىش دۇكىنىنى قۇردى. ۋۇ يۈنبو تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «بىز ھازىر ئوت-چۆپ تېرىش، باقمىچىلىق، سويۇش، پىششىقلاپ ئىشلەش، سېتىش، يېمەك – ئىچمەك بولۇپ ناھايىتى مۇكەممەل كەسىپ زەنجىرىنى قۇرۇپ چىقتۇق». ئۇ يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: تور سۇپىسىنىڭ ئېقىم مىقدارى ئۈستۈنلۈكى ۋە تېخنىكا ئۈستۈنلۈكىنىڭ تېخىمۇ كۆپ خېرىدارلارنى جەلپ قىلىپ، كوپىراتىپنىڭ نامىنى چىقىرىشقا ياردەم بېرىشىنى، شۇ ئارقىلىق قوشۇلما قىممىتىنى ئاشۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر