باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا يېڭى نەتىجىلەرنى يارىتايلى

___ سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك كومىتېتى 1-يىغىنىنىڭ يېپىلغانلىقى توغرىسىدا

2018.03.16 16:14         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  10 چاقىرىملىق چاڭئەن كوچىسىدا، يەسىمەنگۈللەر پورەكلەپ ئېچىلدى. خەلق سارىيىدا دېموكراتىك كاتتا مەرىكە ئۆتكۈزۈلۈپ، يېڭى دەۋرنىڭ ئورتاق تونۇشىنى مۇجەسسەملىدى.

  سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1-يىغىنى 15-مارت غەلىبىلىك يېپىلدى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ 2100دىن ئارتۇق ئەزاسى دۆلەت ئىشلىرىنى ئورتاق كېڭىشىپ، كەلگۈسىنى ئورتاق پىلانلاپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى تۈزۈمىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلدى. 13 كۈنلۈك يىغىن مەزگىلىدە، ئەزالار تۈرلۈك دوكلاتلارنى ئاڭلاپ ئۆتۈپ ۋە مۇزاكىرە قىلىپ، تۈرلۈك قارار لايىھەلىرىنى قاراپ چىقىپ، يىغىندا سۆز قىلىپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك رەھبىرىي ئەزالىرىنى سايلاپ چىقىپ، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى پائال مۇھاكىمە قىلىپ تەكلىپ بېرىپ، مەسئۇلىيىتىنى پۇختا ئادا قىلدى. ھەر بىر مەيدان مۇزاكىرىدە ئەزالار قەلب سۆزلىرىنى ئېيتىپ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئارزۇلىرى يۈكلەنگەن تەكلىپلەرنى بەردى. پەن-تېخنىكا ساھەسىدىن كەلگەن ئەزا شېن نەنپېڭ مۇنداق دېدى: ئەمەلىي ئىقتىساد بىلەن پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى بىرلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت كۈچەش نۇقتىسىنى چىڭ تۇتۇپ، يۇقىرى سۈپەتتە راۋاجلىنىش، زامانىۋى ئىقتىساد سىستېمىسى بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشىمىز كېرەك.

  چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە يېپىلىش يىغىنى باشلاندى. سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى سايلىغۇچنى ئەستايىدىللىق بىلەن بېسىپ، سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى، سىياسىي كېڭەش نىزامنامىسى تۈزىتىلمىسىنىڭ قارارى، تەكلىپ تەكشۈرۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات، قۇرۇلتاينىڭ سىياسىي قارارلىرىنى بىر-بىرلەپ ماقۇللىدى، ئالقىش سادالىرى ئۈزۈلمىدى.

  تەكلىپ تەكشۈرۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، 9-مارت سائەت 17گىچە، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 5360 تەكلىپ تاپشۇرۇۋېلىپ، 4438نى رەسمىي تەكلىپ قىلىپ سۇنغان. ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، تەكلىپلەردە سانغا ئەمەس سۈپەتكە ئېتىبار بېرىلگەن، بىر ئىشقا بىر تەكلىپ بېرىشكە ئەھمىيەت بېرىلگەن، مەركەزنى چۆرىدەپ تېمىنى توغرا تاللىغان، ئاممىنىڭ ئارزۇلىرى ھەقىقىي ئىپادىلەنگەن، مەزمۇنى ئىخچام، تەكلىپلەر كونكرېت بولغان. چىڭخەي پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى، ئەزا ليۇ تۇڭدې مۇنداق دېدى: تەكلىپلەر زىددىيەتتىن ئۆزىنى قاچۇرماي، مەسىلىنى يوشۇرماي، ئەمەلىيەتنى ھەقىقەتتىن ئىزدىگەن ئاساستا ئېنىق، ئاشكارا بولۇپتۇ. ئەزالار چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ياخشى تەييارلىق قىلىپ كېلىپتۇ. مېغىزلىق، ئاساسلىق گەپلەر بىلەن ئەل رايى ھەقىقىي ئەكس ئەتتۈرۈلۈپ، خەلققە پايدىلىق سىياسەتلەر، ئەلگە نەپ يەتكۈزىدىغان تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپتۇ.

  باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو دېموكراتىيە ئىتتىپاقى، جۇڭگو ئادالەتچىلەر پارتىيەسى، پارتىيە-گۇرۇھسىز زاتلار ۋە ۋەتەنگە قايتقان مۇھاجىرلار بىرلەشمىسى ساھەسىدىكى ئەزالارنىڭ بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىغا قاتناشقاندا قىلغان: «كۆپ پارتىيە ھەمكارلىقىدا چىڭ تۇرۇپ، سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىينى راۋاجلاندۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش كېرەك» دېگەن سۆزى لياۋنىڭ ئۆلكىلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئەزا لى شياۋئەندە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغانىدى، ئۇ مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى مېنى بەك تەسىرلەندۈردى، ئىلھاملاندۇردى. بىز چوقۇم جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ياخشى مەسلىھەتچىسى، ياخشى ياردەمچىسى، ياخشى خىزمەتچىسى بولۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىنى تېخىمۇ ئاڭلىق قوبۇل قىلىپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، تىرىشىپ مەسئۇلىيىتىمىزنى ئادا قىلىپ، سەمىمىي تەكلىپ بېرىپ، ياخشى تەدبىر كۆرسىتىپ، چارە تېپىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇشقا تىرىشىپ يېڭى تۆھپىلەرنى قوشىمىز.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر