3- ئاينىڭ 14- كۈنى، گېرمانىيە پايتەختى بېرلىندا، مېركىل قەسەم بېرىپ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمىغا قاتنىشىشقا تەييارلىق قىلماقتا.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 14- مارت، مېركىل گېرمانىيە فېدېراتسىيە پارلامېنتىدا بېلەت تاشلاشتا 4- قېتىم يەنە گېرمانىيە زۇڭلىسى بولۇپ سايلاندى. شۇ كۈنى، گېرمانىيە فېدېراتسىيە پارلامېنتىدا بېلەت تاشلاپ زۇڭلى سايلىمى ئۆتكۈزۈلدى. مېركىل جەمئىي 364 ئاۋازنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى، شۇنىڭ بىلەن، ئۇنىڭ بېلىتى سايلىنىشقا كېرەكلىك بولغان بېلەت سانىدىن خېلى يۇقىرى ئېشىپ كەتتى. يەنە 315 نەپەر پارلامېنت ئەزاسى قارشى تەرەپكە بېلەت تاشلىدى، توققۇز ئادەم ھوقۇقىدىن ۋاز كەچتى. قالغان پارلامېنت ئەزالىرى ئىناۋەتسىز بېلەت تاشلىغان بولۇشى ياكى بېلەت تاشلىمىغان بولۇشى مۇمكىن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى