باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ تېلېگرامما ئەۋەتىپ، مېركىلنىڭ ئۇدا گېرمانىيە زۇڭلىسى بولغانلىقىنى تەبرىكلىدى

لى كېچياڭ زۇڭلى مېركىلغا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

2018.03.15 15:04         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 14-مارت ئانجېلا مېركىلغا تېلېگرامما ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ 4-قېتىم گېرمانىيە زۇڭلىلىقىغا سايلانغانلىقى ھەم ۋەزىپىگە ئولتۇرغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

  شى جىنپىڭ تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو-گېرمانىيە 2014-يىلى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقاندىن بۇيان، ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى سىجىل راۋاجلاندى، ئورتاق مەنپەئەت ۋە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى، دۇنيانى ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشى ۋە كۆپ تەرەپلىشىشىگە تۈرتكە بولۇش قاتارلىق نۇرغۇن جەھەتلەردە زىچ ھەمكارلاشتى. مەن جۇڭگو-گېرمانىيە مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، سىز بىلەن بىللە تىرىشىپ، جۇڭگو بىلەن گېرمانىيەنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئۆزئارا ئىشىنىش سەۋىيەسىنى مۇستەھكەملەپ ۋە ئۆستۈرۈپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ يەنىمۇ يۇقىرى پەللىگە ئۆرلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ زور ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمەن.

  شۇ كۈنى گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭمۇ تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ زۇڭلى مېركىلنى تەبرىكلەپ، جۇڭگو-گېرمانىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشى تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ساقلاپ، ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ ئىككى دۆلەتنىڭ تۈپ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن ئىكەنلىكىنى، جۇڭگونىڭ گېرمانىيە يېڭى ھۆكۈمىتى بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو-گېرمانىيە مۇناسىۋىتى ۋە ئەمەلىي ھەمكارلىقىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئالغا قاراپ راۋاجلىنىشىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر