باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ رۇسىيەنىڭ زۇڭتۇڭى بولۇپ سايلانغان پۇتىنغا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

2018.03.19 16:39         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 3-ئاينىڭ 19-كۈنى دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ رۇسىيەنىڭ زۇڭتۇڭلىقىغا سايلانغان پۇتىنغا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى.

  شى جىنپىڭ تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنداق كۆرسەتتى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، رۇسىيە خەلقى بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش يولىدا تەۋرەنمەي ئىلگىرىلىدى، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، خەلقئارالىق ئىشلاردا مۇھىم ئىجابىي رولىنى جارى قىلدۇردى. رۇسىيەنىڭ چوقۇم دۆلەت تەرەققىياتىدا يېڭى شانلىق نەتىجىلەرنى ئۈزلۈكسىز قولغا كەلتۈرەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. نۆۋەتتە، جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق-ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى تارىختىكى ئەڭ ياخشى سەۋىيەدە تۇرماقتا، ئۆزئارا ھۆرمەتلەپ، ئادىل-ھەققانىي بولۇپ، ھەمكارلىشىپ تەڭ مەنپەئەتلىنىدىغان يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت ۋە ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئۈچۈن ئۈلگە تىكلەپ بەردى. جۇڭگو رۇسىيە بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، جۇڭگو-رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەدە يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇپ، رايون ۋە دۇنيانىڭ تىنچ-خاتىرجەملىكىنى ئالغا سۈرۈشنى خالايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر