باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

ئەل رايىنى مايىل قىلىپ خەلقنىڭ ئارزۇسىنى كۆزلەيلى، بىرلىكتە كۈرەش قىلىپ شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتايلى

___ شى جىنپىڭنىڭ دۆلەت رەئىسلىكىگە، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغانلىقى جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەدىكىلەرنىڭ قىزغىن ھىمايىسىگە ئېرىشتى

2018.03.19 16:27         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگونىڭ ھەممە جايى باھار تۈسىگە كىرىپ، پۈتكۈل مەملىكەت خەلقىنىڭ روھى ئۇرغۇپ، دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتتى.

  2018-يىلى 17-مارت چۈشتىن بۇرۇن،13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ1-يىغىنىدا شى جىنپىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسلىكىگە، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلاندى.

  شەھەردىن يېزىلارغىچە، ئىچكى ئۆلكىلەردىن چېگرا رايونلارغىچە، كادىرلار، ئامما بىردەك: بۇ كۆپچىلىك ئارزۇ قىلغان نەتىجە، دەپ قارىدى. كۆپچىلىك مۇنداق دېيىشتى: يېڭى دەۋرگە قەدەم قويۇپ، يېڭى مۇساپىگە ئاتلانغان پەيتتە، بىر مىليارد 300مىليون جۇڭگو خەلقىنىڭ چىن كۆڭلىدىن ھىمايە قىلىدىغان تايانچىسى، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ مەسئۇلىيەتنى دادىل ئۈستىگە ئالالايدىغان باشلامچىسى، دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلەۋاتقان«جۇڭگو»ناملىق چوڭ پاراخوتنىڭ يىراقنى كۆرەر رولچىسى بار بولدى. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، يېڭى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، يېڭى خىرىسلارغا يۈزلىنىپ، بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ، جاپالىق، ئەمەلىي ئىشلەپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنىڭ تېخىمۇ پارلاق ئەتىسىنى ئۈزلۈكسىز يارىتىمىز.

  خەلقنىڭ ئارزۇسى ئىشقا ئاشتى: خەلقنىڭ داھىيسى مىليونلىغان ئاممىنىڭ چىن كۆڭلىدىن ھىمايە قىلىشىغا ئېرىشتى

  خەلق سارىيىدا ياڭرىغان ئالقىش سادالىرى تارىخىي پەيتكە شاھىت بولدى.

  شى جىنپىڭنىڭ تولۇق ئاۋاز بىلەن دۆلەت رەئىسلىكىگە، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغانلىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى پېي چۈنلياڭنىڭ كۆزلىرى ھاياجانلىق ياشلارغا تولدى، ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ بىزنىڭ بىر مىليارد 300مىليون ئاممىغا ۋاكالىتەن چىقارغان تەنتەنىلىك تاللىشىمىز بولۇپ، ھەر بىر جۇڭگولۇقنىڭ رەئىس شى جىنپىڭنى چىن كۆڭلىدىن ھىمايە قىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

  تەيخاڭشەن تاغلىق رايونى پېيجەي كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى پېي چۈنلياڭ بىر قانچە نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، شۇنداقلا پارتىيە19-قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، ئۇ ھاياجان بىلەن مۇنداق دېدى: پارتىيەمىزدە مۇشۇنداق خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى كۈرەش نىشانى قىلىدىغان رەھبەرلىك يادروسى، دۆلىتىمىزدە مۇشۇنداق پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن خەلققە مۇلازىمەت قىلىدىغان داھىي بولىدىكەن، ئىشلىرىمىزدا چوقۇم يېڭى، زور شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتالايمىز.

  مەركىزىي كومىتېت تاشقى ئالاقە بۆلۈمى، بىرلىكسەپ بۆلۈمى، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار خىزمىتى كومىتېتى، ئىتتىپاق مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كادىر، ئىشچى-خىزمەتچىلىرى مۇنداق قارىدى: شى جىنپىڭنىڭ تولۇق ئاۋاز بىلەن دۆلەت رەئىسلىكىگە، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلىنىشى مىليونلىغان خەلقنىڭ ئورتاق ئارزۇسى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، تارىخىي ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يادرولۇق ئورنى تارىخنىڭ دەلىللىشى، ئەمەلىيەتنىڭ سىنىقىدىن ئۆتكەن، ئۇ پارتىيەنىڭ يادروسى، خەلقنىڭ داھىيسى بولۇشقا مۇناسىپ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر