باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنى 6-ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزدى

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ كۆرسىتىشىگە ئاساسەن لى كېچياڭنىڭ گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى بولۇشى قارار قىلىندى

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ رەئىس پەرمانى ئىمزالاپ تەيىنلىدى

2018.03.19 16:23   مەنبە: خەلق تورى

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ كۆرسىتىشىگە ئاساسەن لى كېچياڭنىڭ گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى بولۇشى قارار قىلىندى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنى 18-مارت چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا 6-ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزۈپ، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ كۆرسىتىشىگە ئاساسەن، ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق لى كېچياڭنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى گوۋۇيۈەنىنىڭ زۇڭلىسى بولۇشىنى قارار قىلدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 1-نومۇرلۇق رەئىس پەرمانى ئىمزالاپ، قۇرۇلتاينىڭ قارارىغا ئاساسەن، لى كېچياڭنى گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىلىقىغا تەيىنلىدى.بۇ قېتىملىق يىغىننىڭ قارالمىلىرى: جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ كۆرسىتىشىگە ئاساسەن، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى گوۋۇيۈەنىنىڭ زۇڭلىسى نامزاتىنى قارار قىلىش؛ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ كۆرسىتىشىگە ئاساسەن، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرى، ئەزالىرى نامزاتىنى قارار قىلىش؛ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرىنى سايلاش؛ ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقىنى سايلاش؛ ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشىنى سايلاش؛ 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىنى سايلاش.

  شى جىنپىڭ گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى نامزاتى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرى، ئەزالىرى نامزاتىنى كۆرسەتكەندىن كېيىن ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى غۇلغۇلا قىلدى. ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ غۇلغۇلا قىلىش پىكرىگە ئاساسەن، ھەيئەت رىياسىتى يىغىنى نامزاتلارنى بۇ قېتىملىق ئومۇمىي يىغىننىڭ قارار قىلىپ تەيىنلىشىگە سۇنۇشنى قارار قىلدى.

  يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى نامزاتىنى كۆرسىتىش خېتى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرى، كومىتېت ئەزالىرى نامزاتىنى كۆرسىتىش خېتى ئوقۇپ ئۆتۈلدى.

  ھەيئەت رىياسىتى دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى نامزاتى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى نامزاتى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى نامزاتى، 13 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئەزالىرى نامزاتىنى كۆرسەتكەندىن كېيىن، ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى غۇلغۇلا قىلىپ كېڭەشتى. كۆپ ساندىكى ۋەكىللەرنىڭ پىكرىگە ئاساسەن، ھەيئەت رىياسىتى يىغىنى رەسمىي سايلام نامزاتى ئىسىملىكىنى بېكىتىپ، بۇ قېتىملىق ئومۇمىي يىغىننىڭ سايلىشىغا سۇندى.

  ئارقىدىن رىياسەتچى تەرتىپ بويىچە مۇنۇلارنى جاكارلىدى:

  يولداش شۈ چىلياڭ، جاڭ يوۋشيا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولدى.

  يولداش ۋېي فېڭخې، لى زوچېڭ، مياۋ خۇا، جاڭ شېڭمىن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولدى.

  يولداش ياڭ شياۋدۇ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرلىقىغا سايلاندى.

  يولداش جوۋ چياڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقلىقىغا سايلاندى.

  يولداش جاڭ جۈن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشلىكىگە سايلاندى.

  159 نامزات 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا سايلاندى.

  قۇرۇلتاي ھەيئەت رىياسىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنغا قەسەم بېرىشنى تەشكىللەش چارىسىگە ئاساسەن، ئومۇمىي يىغىننىڭ تۈرلۈك قارالمىلىرى تاماملانغاندىن كېيىن، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ياڭ شياۋدۇ، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى جوۋ چياڭ، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى جاڭ جۈن ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئاساسىي قانۇنغا قەسەم بەردى؛ مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرى، ئەزالىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى ئايرىم-ئايرىم ھالدا كوللېكتىپ قەسەم بەردى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·مائارىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش نامراتلىقنىڭ ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد داۋاملىشىشىنى توسۇيدۇ
    ·مائارىپ سېلىنمىسىنى داۋاملىق ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىغا مايىللاشتۇرۇش كېرەك
    ·مائارىپ قىزلارنىڭ تەقدىرىنى نۇرلاندۇرىدۇ___ خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى جىكې شىۋۇنىڭ نەزىرىدىكى ئاز سا…
    ·تيەنجىن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سەنئەت ئالاھىدىلىكى سىنىقى باشلاندى
    ·ئالىي مائارىپنىڭ دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىش كېرەك
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى چېن باۋشېڭ: مەكتەپنى ئەڭ نۇرلۇق ۋە ئەڭ بىخەتەر جاي قىلىپ قۇرۇپ چى…
    ·ئولىمپىك تەربىيەسى مەملىكەتلىك ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇ-ئوقۇتۇش مەزمۇنىغا كىرگۈزۈلىدۇ
    ·ئورتاق تىلنى ئومۇملاشتۇرۇش نىسبىتى نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنىڭ ئۈنۈمىنى باھالاش دائىرىسىگە كىرگۈزۈ…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: 2020-يىلىدىن بۇرۇن تۈرلۈك ئالاھىدىلىكى بار ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىش ئەمەلدىن…
    ·ئۈرۈمچىدىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئوقۇش باشلاندى