باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنى ھەيئەت رىياسىتى دائىمىي رەئىسلىرىنىڭ 7-يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنىنىڭ ھەيئەت رىياسىتى 10-يىغىن ئۆتكۈزدى

لى جەنشۇ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

2018.03.19 16:37         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنى ھەيئەت رىياسىتى دائىمىي رەئىسلىرىنىڭ 7-يىغىنى 18-مارت چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى. قۇرۇلتاي ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى لى جەنشۇ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا قۇرۇلتاينىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى شىن چۈنيىڭ بەرگەن قۇرۇلتاي كاتىبات باشقارمىسىنىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى قاراپ چىقىش ۋە تۈزىتىش ئەھۋالى شۇنداقلا قارار لايىھەسىنىڭ ۋاكالىتەن تەييارلانغان نۇسخىسى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.

  يىغىندا، قۇرۇلتاينىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى جياڭ شىنجى بەرگەن قۇرۇلتاي كاتىبات باشقارمىسىنىڭ گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىلىرى، دۆلەت كومىسسارلىرى، ھەر قايسى مىنىستىرلىقلارنىڭ مىنىستىرلىرى، ھەر قايسى كومىتېتلارنىڭ مۇدىرلىرى، جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ باشلىقى، باش مۇپەتتىش، باش كاتىپ نامزاتى، 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مىللەتلەر كومىتېتى، رېۋىزىيە ۋە ئەدلىيە كومىتېتى، مائارىپ-پەن-مەدەنىيەت-سەھىيە كومىتېتى، تاشقى ئىشلار كومىتېتى، جۇڭگو مۇھاجىرلىرى كومىتېتى، مۇھىت ۋە بايلىقنى قوغداش كومىتېتى، يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا كومىتېتى، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزالىرى، مۇئاۋىن مۇدىر ئەزالىرى، ئەزالىرى نامزاتىنى غۇلغۇلا قىلىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.

  يىغىندا يۇقىرىقى قارار لايىھەلىرى ۋە ئىسىملىك لايىھەلىرىنى ھەيئەت رىياسىتى 10-يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇش قارار قىلىندى.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنىنىڭ ھەيئەت رىياسىتى 18-مارت چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا 10-يىغىن ئۆتكۈزدى.

  ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى لى جەنشۇ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىنغا قاتنىشىشقا تېگىشلىك كىشى 190 بولۇپ، 190 كىشى يىغىنغا قاتناشتى، قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن.

  ھەر قايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى 12-مارت پۈتۈن بىر كۈن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئەستايىدىل قاراپ چىقتى. ۋەكىللەر بىردەك: ئۆتكەن بەش يىلدا 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پارتىيە رەھبەرلىك قىلىش، خەلق خوجايىن بولۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى ئومۇمىيىتىنى زىچ چۆرىدەپ، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، خىزمەتلەرنى پۇختا ئىشلەپ، پارتىيە تەشەببۇس قىلغانلىكى، خەلق ئېھتىياجلىق بولغانلىكى ئىشلارنى ۋاقتىدا بېجىرىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى تاپشۇرغان زور، مۇھىم ئىشلارنى كۆرۈنەرلىك ياخشى قىلىپ، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىدە تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشتى. دوكلاتتا ئۆتكەن بەش يىللىق خىزمەتلەر ئوبيېكتىپ، ئومۇميۈزلۈك، ئىخچام، ئېنىق ئەسلەپ ئۆتۈلۈپتۇ، يەكۈنلەنگەن تەجرىبىلەر ۋە تەسىراتلارنىڭ مەزمۇنى مول، ئىدىيەسى چوڭقۇر بولۇپتۇ، بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر يىللىق خىزمەت توغرىسىدىكى تەكلىپ، تەسەۋۋۇر ئېنىق، ئەمەلىي ۋە سەمىمىي بولۇپتۇ، بۇ دوكلات ئىدىيەۋىلىكى، سىياسىيۋىلىكى، يېتەكچىلىكى ۋە ئەمەلىيەتچانلىقى كۈچلۈك ياخشى دوكلات بولۇپتۇ، دەپ قارىدى. ۋەكىللەر ئومۇميۈزلۈك بۇ دوكلاتنى قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى. ۋەكىللەر ئوتتۇرىغا قويغان پىكىر ۋە تەكلىپلەرگە ئاساسەن، دوكلاتنىڭ يەتتە يېرىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى. ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى دائىمىي كومىتېت خىزمەت دوكلاتىنى تەستىقلاش تەكلىپى بەردى ۋە دائىمىي كومىتېتنىڭ خىزمەت دوكلاتى توغرىسىدىكى قارار لايىھەسىنى ۋاكالىتەن تەييارلىدى.

  يىغىندا ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق قۇرۇلتاينىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى توغرىسىدىكى قارار لايىھەسىنى ھەر قايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇش قارار قىلىندى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر