باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى ياخشى قىلايلى(شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ___ ۋەكىللەر، ئەزالار دۆلەت ئىشلىرىنى كېڭەشتى)

2018.03.19 16:38         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىچكى موڭغۇل ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا: «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى ياخشى قىلىشتا، ئېغىر نامرات رايونلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى ياخشى قىلىش، نامرات ئاھالە مەركەزلەشكەن يېزا(سۇمۇل)، كەنت(گاچا)لەردە نامراتلىقنى تۈگىتىش ئاچقۇچ.»«تېخىمۇ ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، خىزمەتلەرنى تېخىمۇ ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، كۆز ئالدىدىكى مەسىلىنى ياخشى قىلىش، تېخىمۇ مۇھىمى، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان ئۇزاق مەزگىللىك مېخانىزمنىمۇ شەكىللەندۈرۈش كېرەك.»«نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى چىرىكلىك ۋە ئىستىل مەسىلىسىنى مەخسۇس تۈزەشنى ئەستايىدىل قانات يايدۇرۇش كېرەك» دەپ تەكىتلىدى. ۋەكىللەر، ئەزالار مۇنداق دېيىشتى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى ياخشى قىلىش، غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.

  ئىككى «ئاچقۇچ»نى چىڭ تۇتۇش كېرەك

  بېيجىڭ دېھقانچىلىق-ئورمانچىلىق پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ باشلىقى، ئەزا لى چېڭگۈي مۇنداق دېدى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتا، ئېغىر نامرات رايونلار ئاچقۇچ. ئېغىر نامرات رايونلار نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدىكى ئەڭ قىيىن نۇقتا، ئېلىمىزدە ھازىر نامراتلىشىش نىسبىتى %20تىن يۇقىرى ئېغىر نامرات كەنتتىن 30 مىڭى بار، چوقۇم كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ چوڭ ئىش قىلىدىغان تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئېغىر نامراتلىقتىن ئىبارەت بۇ قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىش كېرەك. ئىلگىرى قىسمەن جايلار نامراتلارنى يۆلەشتە ھەممىگە تەڭ ئېتىبار بېرىپ، كۈچنى تارقاقلاشتۇرۇۋەتتى ياكى قولىنىڭ ئۇچىدا ئىشلەپ، ئەمەلىي تەدبىر قوللانمىدى، بۇنىڭ ھەممىسى ئېغىر نامرات رايونلارنىڭ ھەقىقىي نامراتلارنى قۇتۇلدۇرۇش، نامراتلىقتىن ھەقىقىي قۇتۇلدۇرۇشىغا پايدىسىز. ئېغىر نامرات رايونلار ۋە ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار ئاھالىلەرنى بېكىتىپ، ئەمەلىي، جاپالىق، پۇختا ئىشلەپ، سالماقنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا بىر ئائىلە، بىر كىشىنىمۇ چۈشۈرۈپ قويماسلىققا كاپالەتلىك قىلىش تەكلىپى بېرىمەن.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر