باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

رۇسىيە زۇڭتۇڭ سايلىمى ئۆتكۈزۈلدى

2018.03.19 15:17         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: رۇسىيەدە 2018- يىلىدىكى زۇڭتۇڭ سايلىمىغا بېلەت تاشلاش 18- مارت باشلاندى. بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ھەرقايسى جايلاركى بېلەت تاشلاش نۇقتىلىرى ئادەتتە شۇ جاي ۋاقتى سائەت 8دە ئېچىۋېتىلىدۇ، سائەت 20دە تاقىلىدۇ.

  رۇسىيە مەركىزىي سايلام كومىتېتى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، رۇسىيە بۇ قېتىمقى زۇڭتۇڭ سايلىمى ئۈچۈن چېگرا ئىچىدە 97 مىڭ نەچچە بېلەت تاشلاش پونكىتى تەسىس قىلغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە، پايتەخت موسكۋادا 3605ى تەسىس قىلىنغان، ھەمدە ئۇ بېلەت تاشلاش پونكىتلىرى مەكتەپ، دوختۇرخانا، ۋوگزال، ئايرودۇرۇم ۋە ئارام ئېلىش ئورنى قاتارلىق جايلارنىڭ ئەتراپلىرىدا تەسىس قىلىنغان. ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، رۇسىيەنىڭ چېگرا ئىچى ۋە سىرتىدىكى سايلام شەرتلىرىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان سايلىغۇچىلاردىن تەخمىنەن 110 مىليون ئادەم بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە، موسكۋادا تىزىمغا ئالدۇرغان سايلىغۇچىلارنىڭ سانى يەتتە مىليون 200 مىڭغا يەتكەن.

  رۇسىيە زۇڭتۇڭ سايلىمى مەزگىلىدە بېلەت تاشلاش پونكىتلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، موسكۋا ساقچىلىرى ۋە مىللىي مۇھاپىزەتچىلەر ئەترىتىنڭ ئەزالىرى، ھەمدە ئامانلىق ساقلاش شىركەتلىرىنىڭ ئامانلىق ساقلاش خادىملىرى قاتارلىق 17 مىڭ نەپەر قوغدىغۇچى كۈچلەرنى بىخەتەرلىكنى قوغداش خىزمىتىگە سالغان، ھەمدە بېلەت تاشلاش پونكىتلىرىدە 7000غا يېقىن كامېرا ئورۇنلاشتۇرغان.

  بۇ قېتىمقى زۇڭتۇڭ سايلىمىغا جەمئىي سەككىز نەپەر نامزات قاتناشتى. بۇنىڭ ئىچىدە، رۇسىيەنىڭ ھازىرقى زۇڭتۇڭى پۇتىن، رۇسىيە فېدېراتسىيەسى كوممۇنىستىك پارتىيەسى تەرىپىدىن تەۋسىيە قىلىنغان گرۇدىنىن، رۇسىيە ئەركىن دېموكراتلار پارتىيىسى دېمۇكراتلار پارتىيەسىنىڭ رەئىسى ژىلىنوۋىچ قاتارلىقلار بار .

  رۇسىيەنىڭ زۇڭتۇڭ سايلىمى قائىدىسىگە ئاساسەن، سايلام جەريانىدا ٪50دىن يۇقىرى ئاۋازغا ئېرىشكەن كىشى زۇڭتۇڭ بولۇپ سايلىنىدۇ. ئەگەر ئىككىدىن ئارتۇق نامزات بار بولغان، لېكىن بۇنىڭ ئىچىدىكى ھېچقايسىسى سايلانمىغان بولسا، ئاۋازغا ئېرىشكەن ئالدىنقى ئىككى نەپەر نامزاتقا قارىتا مەركىزىي سايلام كومىتېتى 2- نۆۋەتلىك بېلەت تاشلاش ئېلىپ بېرىشنى جاكارىلايدۇ، 2- نۆۋەتلىك بېلەت تاشلاشتا ئاۋاز سانى يۇقىرى بولغان كىشى زۇڭتۇڭ بولۇپ سايلىنىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر