خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 3-ئاينىڭ 19–كۈنى، 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا 7- قېتىملىق ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزدى. يىغىندا ئايرىم-ئايرىم ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ سەككىز مەخسۇس كومىتېتىنىڭ تەركىبىدىكى خادىملار ئىسىملىكى ماقۇللاندى. 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىدا 10 مەخسۇس كومىتېت تەسىس قىلىندى. بۇنىڭ ئىچىدە، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن كومىتېتى، مالىيە-ئىقتىساد كومىتېتى تەركىبىدىكى خادىملار ئىسىملىكى 3- ئاينىڭ 13-كۈنىدىكى 4-قېتىملىق ئومۇمىي يىغىندا ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللانغان ئىدى.
سۈرەتتە: 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مەخسۇس كومىتېت تەركىبىدىكىلەر ئاساسىي قانۇن قەسىمى بەرمەكتە.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى