3-ئاينىڭ 17-كۈنى، گۇ تيەنلې، جاڭ ئەيجيا ۋە فېڭ شياۋگاڭ (سولدىن ئوڭغا) ئارقا سەھنىدە مۇكاپات لوڭقىسىنى كۆرسەتمەكتە.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 3-ئاينىڭ 17-كۈنى، 12-نۆۋەتلىك ئاسىيا كىنو مۇكاپاتى ئاۋمېندا تارقىتىلدى، جەمئىي 17 تۈرلۈك مۇكاپات بېرىلدى. «ياشلىق» ناملىق كىنو ئەڭ ياخشى كىنو مۇكاپاتىغا، ئارتىس گۇ تيەنلې ۋە جاڭ ئەيجيا ياخشى ئەر، ئايال باش رولچى مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى