باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن تېلېفونلاشتى

2018.03.20 16:28         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 19-مارت رۇسىيە زۇڭتۇڭى بىلەن تېلېفونلاشتى.

  شى جىنپىڭ رۇسىيە زۇڭتۇڭ سايلىمىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلگەنلىكى، پۇتىننىڭ ئۇدا رۇسىيە زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: زۇڭتۇڭ جانابلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق ھالدا ئۇدا زۇڭتۇڭلۇققا سايلىنىشى، رۇسىيە خەلقنىڭ توغرا تاللىشى. ئىشىنىمەنكى، زۇڭتۇڭ جانابلىرىنىڭ رەھبەرلىكىدە، رۇسىيە خەلقى داۋاملىق قەلب-كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى ۋە قۇرۇلۇشىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرىدۇ. ھازىر، جۇڭگو بىلەن رۇسىيە دۆلەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، گۈللەندۈرۈشنىڭ ھالقىلىق باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ. بۇ يىل جۇڭگونىڭ ج ك پ 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇشىنىڭ باشلىنىش يىلى، شۇنداقلا ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ 40 يىللىقى. ئىلگىرىكى يىللار بىلەن سېلىشتۇرغاندا، جۇڭگونىڭ بۇ يىللىق مەملىكەتلىك «ئىككى يىغىنى» تېخىمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. يېڭى بىر نۆۋەتلىك دۆلەت ئاپپاراتى ۋە مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەھبەرلىرى سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلگەندىن باشقا، بىز يەنە ئاساسىي قانۇن تۈزىتىلمىسى، رېۋىزىيە قانۇنى لايىھەسى قاتارلىق مۇھىم تەكلىپلەرنى قاراپ چىقىپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك گوۋۇيۈەننىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتىنى يولغا قويدۇق. بۇ پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا تېخىمۇ ياخشى ئىتتىپاقلاشتۇرۇش ۋە ئىلھاملاندۇرۇشقا پايدىلىق. زۇڭتۇڭ جانابلىرى يېقىندا ئېلان قىلغان دۆلەت ئەھۋالى دوكلاتىدا رۇسىيەنىڭ دۆلەت قۇرۇلۇشى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىقلار توغرىسىدىكى مۇھىم قارىشى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپتۇ، بۇنى ئىنتايىن قوللايمەن. ئىككى دۆلەتنىڭ بېكىتىلگەن يۆنىلىشنى بويلاپ، ئۆزىنىڭ يولىدا مېڭىشتىن ئېغىشماي، يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو-رۇسىيە قىيىن كۈنلەردە بىرگە بولغان ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھلىرى، زۇڭتۇڭ جانابلىرى بىلەن كۆپ قېتىم كۆرۈشۈپ، جۇڭگو-رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ مۇرەككەپ خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ سىنىقىدىن ئۆتىشىگە ئورتاق يېتەكچىلىك قىلىپ، تارىختىن بۇيانقى ئەڭ ياخشى مەزگىلنى كۈتۈۋالدۇق. دۇنيادىكى ئىككى چوڭ دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو داۋاملىق رۇسىيە بىلەن قول تۇتۇشۇپ تىرىشىپ، زىچ ئالاقە ئورنىتىپ، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتىنى ئورتاق پىلانلاپ، جۇڭگو-رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى دەۋرگە كىرىشىگە يېتەكچىلىك قىلىشنى خالايدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر