باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنى 7-ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزۈپ، گوۋۇيۈەن تەركىبىدىكى باشقا خادىملارنى قارار قىلدى

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ رەئىس پەرمانى ئىمزالاپ تەيىنلىدى

2018.03.20 16:26         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنى 19-مارت چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا 7-ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزۈپ، گوۋۇيۈەن تەركىبىدىكى باشقا خادىملارنى قارار قىلدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 2-نومۇرلۇق رەئىس پەرمانى ئىمزالاپ، قۇرۇلتاينىڭ قارارىغا ئاساسەن، قۇرۇلتايدا ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللانغان گوۋۇيۈەن تەركىبىدىكى باشقا خادىملارنى تەيىنلىدى.

  يىغىندا گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ كۆرسىتىشىگە ئاساسەن، ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق خەن جېڭ، سۈن چۈنلەن، خۇ چۈنخۇا، ليۇ خېنىڭ گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى بولۇشى، ۋېي فېڭخې، ۋاڭ يۇڭ، ۋاڭ يى، شىياۋ جيې، جاۋ كېجىنىڭ دۆلەت كومىسسارى بولۇشى قارار قىلىندى.

  شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.يىغىنغا قاتنىشىشقا تېگىشلىك ۋەكىل 2980 بولۇپ، 2969 كىشى قاتناشتى، 11 كىشى قاتنىشالمىدى، يىغىنغا قاتناشقانلارنىڭ سانى قانۇندا بەلگىلەنگەن سانغا ئۇيغۇن.

  يىغىنغا قۇرۇلتاينىڭ ئىجرائىيە رەئىسى، ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى چېن جۇ رىياسەتچىلىك قىلدى. قۇرۇلتاينىڭ ئىجرائىيە رەئىسلىرىدىن لى يۈمېي، لى جىنبىن، چېن چۈەنگو، چېن چيۇفا، چېن خاۋ رەئىس سەھنىسىنىڭ ئىجرائىيە رەئىسلىرى ئورنىدىن ئورۇن ئالدى.

  بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ قارالمىلىرى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ كۆرسىتىشىگە ئاساسەن، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىلىرى، دۆلەت كومىسسارلىرى، ھەر قايسى مىنىستىرلىقلارنىڭ مىنىستىرلىرى، ھەر قايسى كومىتېتلارنىڭ مۇدىرلىرى، جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ باشلىقى، باش مۇپەتتىش، باش كاتىپ نامزاتىنى قارار قىلىش؛ 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مىللەتلەر كومىتېتى، رېۋىزىيە ۋە ئەدلىيە كومىتېتى، مائارىپ-پەن-مەدەنىيەت-سەھىيە كومىتېتى، تاشقى ئىشلار كومىتېتى، جۇڭگو مۇھاجىرلىرى كومىتېتى، مۇھىت ۋە بايلىق قوغداش كومىتېتى، يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا كومىتېتى، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزالىرى، مۇئاۋىن مۇدىر ئەزالىرى، ئەزالىرىنىڭ ئىسىملىك لايىھەسىنى ئايرىم-ئايرىم ئاۋازغا قويۇش.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر