باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئوق پويىزدا تاماكا چەكسە، 180 كۈن ئىچىدە پويىزغا ئولتۇرۇشى چەكلىنىدۇ

پويىز بېلىتى ھايانكەشلىكى قاتارلىق يەتتە تۈرلۈك قىلمىش پويىزغا ئولتۇرۇشنى چەكلەش كاتېگورىيەسىگە كىرگۈزۈلدى، 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدۇ

2018.03.20 16:37         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۇ يىل 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، ئوق پويىزدا تاماكا چېكىش ياكى باشقا پويىزلارنىڭ تاماكا چېكىش مەنئى قىلىنغان جايلىرىدا تاماك چېكىش قاتارلىق تۆمۈر يولنىڭ يۈرۈش بىخەتەرلىكى ۋە ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىكىگە تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغان ھەرىكەتلەرنى سادىر قىلغانلارنىڭ پويىزغا ئولتۇرۇشى مەنئى قىلىنىدۇ، 180 كۈن ئىچىدە، ھەر قايسى تۆمۈريول تىرانسپورت كارخانىلىرى شۇ كىشىنىڭ پويىز بېلىتى سېتىۋېلىشىنى چەكلەيدۇ. يېقىندا، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى تور بېكىتى «ئېغىر دەرىجىدە لەۋزىدە تۇرمىغان ئادەملەرنىڭ پويىزغا ئولتۇرۇشىنى مەلۇم مۇددەت چەكلەپ، ئىجتىمائىي ئىناۋەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر»نى ئېلان قىلدى. بۇنىڭدا ئېغىر دەرىجىدە لەۋزىدە تۇرمىغان ئادەملەرنىڭ پويىزغا ئولتۇرۇشىنى چەكلەش توغرىسىدا يۇقىرىقىدەك بەلگىلىمە چىقىرىلدى.

  قانداق قىلمىشلارغا قارىتا پويىزغا ئولتۇرۇش چەكلىنىدۇ؟ «پىكىر»دە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: تۆمۈريولنىڭ يۈرۈش بىخەتەرلىكىگە ۋە ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىكىگە ئېغىر تەسىر كۆرسىتىدىغان ئالاقىدار قىلمىش سادىر قىلغۇچىلار جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى تەرىپىدىن جازالانسا ياكى تۆمۈريول تارماقلىرى تەرىپىدىن بېكىتىلگەن يەتتە خىل قىلمىشنى سادىر قىلسا، مەسئۇلىيەت ئىگىسىگە پويىزغا ئولتۇرۇشنى مەنئى قىلىش تەدبىرلىرىنى قوللانسا بولىدۇ. بۇ يەتتە خىل قىلمىش تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت:

  1. تۆمۈريول بېكەتلىرىنىڭ تىرانسپورت تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ ھەمدە تۆمۈريول بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈپ، ئېغىر ناچار ئىجتىمائىي تەسىر پەيدا قىلغان بولسا؛ 2. ئوق پويىزدا تاماكا چەكسە ياكى باشقا پويىزلارنىڭ تاماكا چېكىش چەكلەنگەن رايونىدا تاماكا چەكسە؛ 3. پويىز بېلىتى ھايانكەشلىكى بىلەن شۇغۇللانغان ۋە ساختا پويىز بېلىتى ياساش قىلمىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ، تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان بولسا؛ 4. ئېتىبار بېرىش سالاھىيەت ئىسپاتلىرىنى سۇيىئىستېمال قىلىپ ياكى ساختا، ئۈنۈمسىز ئېتىبار بېرىش سالاھىيەت ئىسپاتلىرىنى ياسىغان ياكى ئىشلەتكەن بولسا؛ 5. قولىدىكى ساختا، ۋاقتى ئۆتكەن پويىز بېلىتى ئارقىلىق پويىزغا چىققان بولسا ياكى يوقالغانلىقى مەلۇم قىلىنغان بېلەتنى سۇيېئىستېمال قىلىپ تولۇقلاپ پويىزغا چىققان بولسا؛ 6. بېلىتى يوق پويىزغا ئولتۇرۇپ بېلەت تولۇقلىمىغان ياكى بېلەتتىكى كۆرسىتىلگەن بېكەتتىن ئېشىپ كەتسىمۇ بېلەتنى تولۇقلاشنى رەت قىلغان بولسا؛ 7. ئالاقىدار قانۇن-نىزاملارغا ئاساسەن مەمۇرىي جازا بېرىشكە تېگىشلىكلەر.

  پويىزغا ئولتۇرۇشنى چەكلەش ۋاقتى قانچىلىك ئۇزۇن بولىدۇ؟ «پىكىر»دە مۇنداق بېكىتىلدى: قىلمىش سادىر قىلغۇچى تۆمۈريولنىڭ يۈرۈش بىخەتەرلىكىگە ۋە ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىكىگە ئېغىر تەسىر كۆرسىتىدىغان ئالاقىدار قىلمىشلاردىن بىرىنچى، ئىككىنچى، ئۈچىنچى ۋە يەتتىنچى تارماقتىكى قىلمىشلارنى سادىر قىلسا، ھەر قايسى تۆمۈريول تىرانسپورت كارخانىسى 180 كۈنگىچە ئۇنىڭ بېلەت سېتىۋېلىشىنى چەكلەيدۇ. قىلمىش سادىر قىلغانلىقى ئېلان قىلىنىپ باشقا نارازىلىق پىكرى بولمىغان كۈندىن ئېتىبارەن 180 كۈنگىچە بولىدۇ، 180 كۈن توشقاندىن كېيىن ئاپتوماتىك بىكار قىلىنىپ، تۆمۈريول تىرانسپورت كارخانىسى قىلمىش سادىر قىلغۇچىنىڭ بېلەت سېتىۋېلىش سالاھىيىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر