لى كېچياڭ، ئەر، خەنزۇ، 1955- يىلى 7- ئايدا تۇغۇلغان، ئەنخۇي دىڭيۈەندىن، 1974- يىلى 3- ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1976- يىلى 5- ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن فاكۇلتېتى ۋە ئىقتىسادشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ ئىقتىسادشۇناسلىق كەسپىنى پۈتكۈزگەن، ئىشلەپ تۇرۇپ ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بولغان، قانۇنشۇناسلىق باكلاۋۇرى، ئىقتىسادشۇناسلىق دوكتورى.
ھازىر جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى.
1974- يىلىدىن 1976- يىلىغىچە، ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ فېڭياڭ ناھىيەسى دامياۋ گۇڭشېسى دۇڭلىن دادۈيىدە زىيالىي ياش بولۇپ تۇرغان
1976- يىلىدىن 1978- يىلىغىچە، ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ فېڭياڭ ناھىيەسى دامياۋ گۇڭشېسى دامياۋ دادۈيى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى بولغان
1978- يىلىدىن 1982- يىلىغىچە، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قانۇن فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان، مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ مەسئۇلى بولغان
1982- يىلىدىن 1983- يىلىغىچە، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان
1983- يىلىدىن 1983- يىلىغىچە، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى مەكتەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، قوشۇمچە مەملىكەتلىك ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسىنىڭ باش كاتىپى بولغان
1983- يىلىدىن 1985- يىلىغىچە، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسىنىڭ كاندىدات شۇجىسى بولغان
1985- يىلىدىن 1993- يىلىغىچە، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، قوشۇمچە مەملىكەتلىك ياشلار بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان(بۇ مەزگىلدە: 1991- يىلى 9- ئايدىن 1991- يىلى 11- ئايغىچە، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئۆلكە باشلىقى، مىنىستىر دەرىجىلىك كادىرلار بىلىم ئاشۇرۇش سىنىپىدا ئوقۇغان)
1993- يىلىدىن 1998- يىلىغىچە، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسىنىڭ 1- شۇجىسى، قوشۇمچە جۇڭگو ياشلار سىياسىي ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى بولغان
(1988- يىلىدىن 1994- يىلىغىچە، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىقتىسادشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ ئىقتىسادشۇناسلىق كەسپىدە ئىشلەپ تۇرۇپ ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇپ، ئىقتىسادشۇناسلىق كەسپى بويىچە ماگىستىرلىق، دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئالغان)
1998- يىلىدىن 1999- يىلىغىچە، خېنەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇۋەققەت ئۆلكە باشلىقى بولغان
1999- يىلىدىن 2002- يىلىغىچە، خېنەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئۆلكە باشلىقى بولغان
2002- يىلىدىن 2003- يىلىغىچە، خېنەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، ئۆلكە باشلىقى بولغان
2003- يىلىدىن 2004- يىلىغىچە، خېنەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بولغان
2004- يىلىدىن 2005- يىلىغىچە، لياۋنىڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان
2005- يىلىدىن 2007- يىلىغىچە، لياۋنىڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بولغان
2007- يىلىدىن 2008- يىلىغىچە، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان
2008- يىلىدىن 2013- يىلىغىچە، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان
2013- يىلى − مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 15-، 16-، 17-، 18 -، 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، 17- ، 18- ، 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى. 8- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 18-مارت تېلېگراممىسى)