باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جاسارەت بىلەن يېڭى دەۋردىكى ئۇلۇغ مۇساپىگە ئاتلىنايلى

___ يېڭى بىر نۆۋەتلىك دۆلەت ئاپپاراتى ۋە مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش رەھبەرلىرىنىڭ ۋۇجۇدقا كېلىش خاتىرىسى

2018.03.20 16:35         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېڭى دەۋرنىڭ باھار شامىلى پۈتكۈل جۇڭگونى ئىللىتىپ، جۇڭگو يەنە بىر تارىخىي پەيتنى كۈتۈۋالدى.

  2018-يىلى 17-مارت چۈشتىن بۇرۇن، خەلق سارىيى.

  13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنىنىڭ 5-ئومۇمىي يىغىنىغا قاتناشقان مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 2970 ۋەكىلى يوشۇرۇن ئاۋاز بېرىش شەكلىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭنى تولۇق ئاۋاز بىلەن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسلىكىگە، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسلىكىگە داۋاملىق سايلىدى.

  10 مىڭ كىشىلىك چوڭ زالدا ئالقىش سادالىرى ئۇزاققىچە ئۈزۈلمىدى.

  قىزغىن ئالقىش ساداسى، مىليونلىغان ئاممىنىڭ خەلق داھىيسىنى چىن قەلبىدىن ھىمايە قىلىشتىكى ئورتاق ئىرادىسىنى نامايان قىلدى.

  قىزغىن ئالقىش ساداسى، مىليونلىغان خەلقنىڭ يادروغا ئەگىشىپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشتىكى قەتئىي ئىرادىسىنى ئىپادىلىدى.

  قىزغىن ئالقىش ساداسى، مىليونلىغان خەلقنىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى قايناق ھېسسىياتىنى ئۇرغۇتتى.

  14-مارتتىن 19-مارتقىچە، قانۇندا بەلگىلەنگەن قاتتىق تەرتىپ بويىچە، يېڭى بىر نۆۋەتلىك دۆلەت ئاپپاراتى ۋە مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەھبەرلىرى ئارقا-ئارقىدىن ۋۇجۇدقا كېلىپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى قاتلىمىدىكى يېڭىلار بىلەن كونىلارنىڭ ئالمىشىش ئومۇمىي ئەندىزىسى ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

  يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپە ____

  پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى پارتىيە نىزامنامىسىغا كىرگۈزۈلۈپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسى باشلاندى. گۈزەل پىلاننى جانلىق ئەمەلىيەتكە ئايلاندۇرۇشتا چوقۇم يېڭى دەۋر يۈكلىگەن بۇرچنى زىممىسىگە ئالالايدىغان كۈچلۈك رەھبەرلىك كوللېكتىپى بولۇشى كېرەك.

  تارىخ مۇساپىسىدىكى بىر قانچە ھالقىلىق تۈگۈنلەر بىر دۆلەت، بىر مىللەتنىڭ گۈللىنىش مۇساپىسىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ ____

  2016-يىلى 10-ئاي، ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 6-ئومۇمىي يىغىنىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسىلىق ئورنىنىڭ بېكىتىلىشى 89 مىليوندىن ئارتۇق پارتىيە ئەزاسى بار بىر چوڭ پارتىيەنىڭ تېخىمۇ پىشىپ يېتىلگەنلىكى، تېخىمۇ كۈچەيگەنلىكى، تېخىمۇ ئىتتىپاقلاشقانلىقى، تېخىمۇ جەڭگىۋارلىققا تولغانلىقىدىن دېرەك بەردى.

  2017-يىلى ئالتۇن كۈز، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى پارتىيە نىزامنامىسىغا كىرگۈزدى، ج ك پ 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 1-ئومۇمىي يىغىنىدا شى جىنپىڭ داۋاملىق ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىلىقىغا، ج ك پ مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسلىكىگە تەيىنلىنىپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئىرادىسىنى يەنىمۇ مۇجەسسەملىدى.

  2018-يىلى باش باھار، 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنىدا شى جىنپىڭ داۋاملىق دۆلەت رەئىسلىكىگە، دۆلەت ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلاندى.

  بۇ «ئۈچ بىر گەۋدىلەشكەن» رەھبەرلىك تۈزۈلمىسى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسى، قوشۇن سەركەردىسى، خەلق داھىيسىلىق يۈكسەك ئورنىنى يەنىمۇ بېكىتتى.

  كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان پەيتلەر پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭغا بولغان سەمىمىي ھىمايىسى ۋە ھۆرمىتىنى مۇجەسسەملىدى.

  مەملىكەتلىك ئىككى يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەر، ئەزالار: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئۇدا دۆلەت رەئىسلىكىگە، دۆلەت ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسلىكىگە تەيىنلىنىشى پارتىيەنىڭ، دۆلەتنىڭ، ئارمىيەنىڭ، خەلقنىڭ چوڭ بەختى، دېيىشتى.

  كادىرلار، ئامما بەس-بەستە مۇنداق دېيىشتى: پارتىيەنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسىدىن ئىبارەت «ئۈچ بىر گەۋدىلەشكەن» رەھبەرلىك تۈزۈمى بىزدەك چوڭ پارتىيە، چوڭ دۆلەتتە ئىنتايىن زۆرۈر، ئۇ پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكى، پارتىيەنىڭ ئارمىيەگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر