باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىلىرىنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى

خەن جېڭ

2018.03.20 16:47   مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىلىرىنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى

  خەن جېڭ، ئەر، خەنزۇ، 1954- يىلى 4- ئايدا تۇغۇلغان، جېجياڭ سىشىدىن، 1975- يىلى 12- ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1979- يىلى 5- ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، شەرقىي جۇڭگو پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مەسىلىلەر تەتقىقات ئورنىنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەت ۋە دۇنيا ئىقتىسادى كەسپىنى پۈتكۈزگەن، ئىشلەپ تۇرۇپ ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بولغان، ئىقتىسادشۇناسلىق ماگىستىرى، ئالىي ئىقتىسادچى.

  ھازىر جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى.

  1975- يىلىدىن 1980- يىلىغىچە، شاڭخەي شۈخۇي كىران بىلەن قۇراشتۇرۇش ئەترىتىنىڭ ئامبارچىسى، تەمىنات- سودا پاي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ ئىش بېجىرگۈچىسى، ئىتتىپاق باش ياچېيكىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان

  1980- يىلىدىن 1982- يىلىغىچە، شاڭخەي شەھەرلىك خىمىيە سانائىتى جابدۇقلىرى سانائەت شىركىتىنىڭ كادىرى، ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ مەسئۇلى بولغان

  1982- يىلىدىن 1986- يىلىغىچە، شاڭخەي شەھەرلىك خىمىيە سانائىتى ئىدارىسى ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان(بۇ مەزگىلدە: 1983- يىلىدىن 1985- يىلىغىچە، فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مەخسۇس كۇرس سىنىپىدا ئوقۇغان)

  1986- يىلىدىن 1987- يىلىغىچە، شاڭخەي شەھەرلىك خىمىيە سانائىتى ئالىي تېخنىكومى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان

  1987- يىلىدىن 1988- يىلىغىچە، شاڭخەي رېزىنكە ئاياغ 6- زاۋۇتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن زاۋۇت باشلىقى بولغان

  (1985- يىلىدىن 1987- يىلىغىچە، شەرقىي جۇڭگو پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى كەچلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىياسىي مائارىپ فاكۇلتېتى سىياسىي مائارىپ كەسپىدە ئوقۇغان)

  1988- يىلىدىن 1990- يىلىغىچە، شاڭخەي «داجۇڭخۇا» كاۋچۇك زاۋۇتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن زاۋۇت باشلىقى بولغان

  1990- يىلىدىن 1991- يىلىغىچە، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى شاڭخەي شەھەرلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان(خىزمەتلەرگە رىياسەتچىلىك قىلغان)

  1991- يىلىدىن 1992- يىلىغىچە، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى شاڭخەي شەھەرلىك كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان

  1992- يىلىدىن 1993- يىلىغىچە، شاڭخەي شەھىرى لۇۋەن رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇۋەققەت رايون باشلىقى بولغان

  1993- يىلىدىن 1995- يىلىغىچە، شاڭخەي شەھىرى لۇۋەن رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، رايون باشلىقى بولغان

  (1991- يىلىدىن 1994- يىلىغىچە، شەرقىي جۇڭگو پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مەسىلىلەر تەتقىقات ئورنىنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەت ۋە دۇنيا ئىقتىسادى كەسپىدە ئىشلەپ تۇرۇپ ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇغان، ئىقتىسادشۇناسلىق بويىچە ماگىستىرلىق ئۇنۋانى ئالغان)

  1995- يىلىدىن 1997- يىلىغىچە، شاڭخەي شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى، شەھەرلىك ئۇنىۋېرسال ئىقتىساد خىزمىتى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شەھەرلىك پىلان كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، شەھەرلىك ئاكسىيە باشقۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى بولغان

  1997- يىلىدىن 1998- يىلىغىچە، شاڭخەي شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى بولغان

  1998- يىلىدىن 2002- يىلىغىچە، شاڭخەي شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى بولغان

  2002- يىلىدىن 2003- يىلىغىچە، شاڭخەي شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى بولغان

  2003- يىلىدىن 2004- يىلىغىچە، شاڭخەي شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شەھەر باشلىقى بولغان

  2004- يىلىدىن 2006- يىلىغىچە، شاڭخەي شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شەھەر باشلىقى، 2010- يىللىق شاڭخەي دۇنيا كۆرگەزمىسى تەشكىلىي ھەيئىتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ئەزاسى، ئىجرائىيە ھەيئىتىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى بولغان

  2006- يىلىدىن 2007- يىلىغىچە، شاڭخەي شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇۋەققەت شۇجىسى، شەھەر باشلىقى، 2010- يىللىق شاڭخەي دۇنيا كۆرگەزمىسى تەشكىلىي ھەيئىتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ئەزاسى، 1- مۇئاۋىن مۇدىر ئەزاسى، ئىجرائىيە ھەيئىتىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى، ئىجرائىيە ھەيئىتىنىڭ مۇدىرى بولغان

  2007- يىلىدىن 2008- يىلىغىچە، شاڭخەي شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شەھەر باشلىقى، 2010- يىللىق شاڭخەي دۇنيا كۆرگەزمىسى تەشكىلىي ھەيئىتىنىڭ 1- مۇئاۋىن مۇدىر ئەزاسى، ئىجرائىيە ھەيئىتىنىڭ مۇدىرى بولغان

  2008- يىلىدىن 2011- يىلىغىچە، شاڭخەي شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شەھەر باشلىقى، 2010- يىللىق شاڭخەي دۇنيا كۆرگەزمىسى تەشكىلىي ھەيئىتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ئەزاسى، ئىجرائىيە ھەيئىتىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى بولغان

  2011- يىلىدىن 2012- يىلىغىچە، شاڭخەي شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شەھەر باشلىقى بولغان

  2012- يىلىدىن 2017- يىلىغىچە، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، شاڭخەي شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان

  2017- يىلىدىن 2018- يىلىغىچە، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان

  2018- يىلى − مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 16- ، 17- ، 18- ، 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى.

【1】 【2】 【3】 【4】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·مائارىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش نامراتلىقنىڭ ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد داۋاملىشىشىنى توسۇيدۇ
    ·مائارىپ سېلىنمىسىنى داۋاملىق ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىغا مايىللاشتۇرۇش كېرەك
    ·مائارىپ قىزلارنىڭ تەقدىرىنى نۇرلاندۇرىدۇ___ خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى جىكې شىۋۇنىڭ نەزىرىدىكى ئاز سا…
    ·تيەنجىن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سەنئەت ئالاھىدىلىكى سىنىقى باشلاندى
    ·ئالىي مائارىپنىڭ دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىش كېرەك
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى چېن باۋشېڭ: مەكتەپنى ئەڭ نۇرلۇق ۋە ئەڭ بىخەتەر جاي قىلىپ قۇرۇپ چى…
    ·ئولىمپىك تەربىيەسى مەملىكەتلىك ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇ-ئوقۇتۇش مەزمۇنىغا كىرگۈزۈلىدۇ
    ·ئورتاق تىلنى ئومۇملاشتۇرۇش نىسبىتى نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنىڭ ئۈنۈمىنى باھالاش دائىرىسىگە كىرگۈزۈ…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: 2020-يىلىدىن بۇرۇن تۈرلۈك ئالاھىدىلىكى بار ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىش ئەمەلدىن…
    ·ئۈرۈمچىدىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئوقۇش باشلاندى