باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ سوت مەھكىمىلىرى بەش يىلدا 749 پارچە تەكلىپنى بېجىردى

2018.03.20 15:30         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 19- مارت، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىدىن ئىگىلىشىچە، بەش يىلدىن بۇيان، شىنجاڭدىكى سوت مەھكىمىلىرى تەرىپىدىن بېجىرىلگەن تەكلىپلەر، يەنى ئالاقىدار ۋەكىللەر ۋە ئەزالار تەرىپىدىن ئىلگىرى سۇنۇلغان تەكلىپلەرنىڭ سانى 749گە يەتكەن.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ئۇزاقتىن بېرى، شىنجاڭ يۇقىرى سوت مەھكىمىسى خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ قانۇن بويىچە نازارەت قىلىشى ۋە سىياسىي كېڭەشنىڭ دېموكراتىك نازارەت قىلىش خىزمىتىگە يۈكسەك دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىپ، ئالاقىلىشىش ۋە نازارەت قىلىشنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، ۋەكىل ۋە ئەزالار بىلەن نىشانلىق تۈردە قوشماق بولۇپ ۋە ئالاقىلىشىشنى پائال قانات يايدۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى ئورگىنىدىكى بارلىق كادىرلار، ۋەكىللەر ۋە ئەزالار نىشانلىق تۈردە قوشماق بولۇش ۋە ئالاقىلىشىش ئومۇميۈزلۈك قاپلاشنى ئەمەلگە ئاشۇرغان. يىللىق خىزمەت دوكلاتى ۋە مەخسۇس دوكلاتنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلەشتە چىڭ تۇرۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىگە چوڭ-چوڭ ئىشلارنى دوكلات قىلىپ، خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ قارارى ۋە خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قاراپ چىقىش پىكرىنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەخسۇس تۈزەشنى كۈچەيتىش ھەمدە تۈزىتىش ئەھۋالىنى ۋاقتىدا دوكلات قىلىپ تۇردى.

  ئىگىلىنىشىچە، 2017- يىلى 6- ئاينىڭ 12- كۈنى، شىنجاڭ سوت مەھكىمىلىرىدىكى ھەر دەرىجىلىك ۋەكىللەر ۋە ئەزالارنىڭ ئالاقە ۋە پىكىرلىشىش سۇپىسى رەسمىي ئىشقا كىرىشتى، ۋەكىللەر ۋە ئەزالارغا سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت ئۇچۇرلىرىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن يوللاپ تۇردى. ھازىرغا قەدەر، ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ جەمئىي 163 نەپەر ۋەكىلى ۋە سىياسىي كېڭەش ئەزاسى مەخسۇس ئىسچوت تىزىملىتىش سۇپىسى ئارقىلىق تەكشۈرۈش دوكلاتلىرى ۋە تەكلىپلەرنى سۇندى.

  ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، بەش يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ۋەكىل ۋە ئەزالىرى سوت مەھكىمىسىگە كېلىپ كۆزدىن كەچۈرۈشكە 1200 قېتىم قاتناشقان، ئۇلارنىڭ تىپىك دېلولارغا سوتتا قاراپ چىقىش جەريانىنى ياندىن كۆزىتىش ۋە ئاڭلاشقا قاتنىشىشى 7791 مەيدانغا يەتكەن، ۋەكىللەر ۋە ئەزالار 762 قېتىم سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزگەن، زىيارەت قىلىشقا قاتناشقان ۋەكىل ۋە ئەزالارنىڭ سانى 970 ئادەم (قېتىم)غا يەتكەن، ۋەكىللەر ۋە ئەزالارنىڭ ئالاقىدار تەكلىپلىرىدىن 749 پارچىسى بېجىرىلگەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر