باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنى ھەيئەت رىياسىتى دائىمىي رەئىسلىرىنىڭ 8-يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنى ھەيئەت رىياسىتى 11-يىغىن ئۆتكۈزدى

لى جەنشۇ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

2018.03.20 16:30         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنى ھەيئەت رىياسىتى دائىمىي رەئىسلىرىنىڭ 8-يىغىنى 19-مارت چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى. قۇرۇلتاي ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى لى جەنشۇ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا قۇرۇلتاينىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى شىن چۈنيىڭ بەرگەن قۇرۇلتاي كاتىبات باشقارمىسىنىڭ رېۋىزىيە قانۇنى لايىھەسىنى ئاۋازغا قويۇش تەكلىپ نۇسخىسىنى قاراپ چىقىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات، 2017-يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى بىلەن 2018-يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانى، 2017-يىللىق مەركەز ۋە يەرلىك خامچوتىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى بىلەن 2018-يىللىق مەركەز ۋە يەرلىك خامچوتى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى توغرىسىدىكى قارار لايىھەسىدىن ئىبارەت ئالتە قارار لايىھەسىنى قاراپ چىقىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.

  يىغىندا يۇقىرىدىكى لايىھەلەرنىڭ ئاۋازغا قويۇش نۇسخىسىنى يىغىن ھەيئەت رىياسىتى 11-يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇش ماقۇللاندى.خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 13 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنى ھەيئەت رىياسىتى 19-مارت چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا 11-يىغىن ئۆتكۈزدى.

  ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى لى جەنشۇ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىنغا قاتنىشىشقا تېگىشلىك كىشى 190 بولۇپ، 190 كىشى قاتناشتى، يىغىنغا قاتناشقانلارنىڭ سانى قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن.

  19-مارت چۈشتىن كېيىن ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى قۇرۇلتاينىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات، 2017-يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنى ئىجرا قىلىش ئەھۋالى بىلەن 2018-يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانى، 2017-يىللىق مەركەز ۋە يەرلىك خامچوتىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى بىلەن 2018-يىللىق مەركەز ۋە يەرلىك خامچوتى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى توغرىسىدىكى قارار لايىھەسىدىن ئىبارەت ئالتە قارار لايىھەسى، رېۋىزىيە قانۇنى لايىھەسىنى ئاۋازغا قويۇش تەكلىپ نۇسخىسىنى ئەستايىدىل قاراپ چىقىپ، ئۇنى قۇرۇلتاي ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئاۋازغا قويۇشىغا سۇنۇشقا بىردەك قوشۇلدى. ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسلىرى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ قاراپ چىقىش پىكرىگە ئاساسەن، تۈرلۈك قارار لايىھەلىرى ۋە رېۋىزىيە قانۇنى لايىھەسىنى قۇرۇلتاي ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئاۋازغا قويۇشىغا سۇنۇش تەكلىپى بەردى.

  ھەيئەت رىياسىتى يىغىنى ئايرىم-ئايرىم ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللاش ئارقىلىق، يۇقىرىقى لايىھەلەرنى قۇرۇلتاي ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئاۋازغا قويۇشىغا سۇنۇشنى قارار قىلدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر