باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى شى گۇەنجۇڭ تەكشۈرۈلدى

2018.03.22 13:54         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، رەئىسى، بىڭتۈەن باش سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسىنىڭ باشلىقى شى گۇەنجۇڭ ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىشقا، نۆۋەتتە ئىنتىزام تەكشۈرۈش ۋە رېۋىزىيە تەكشۈرۈشىنىڭ تەھقىقلەش رەسمىيىتىنى قوبۇل قىلىۋاتىدۇ.

  شى گۇەنجۇڭنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى:

  شى گۇەنجۇڭ، ئەر، 1959- يىلى 10- ئايدا تۇغۇلغان، خەنزۇ، جېجياڭ ئۆلكىسى شېڭجۇلۇق، 1976- يىلى 9- ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1996- يىلى 11- ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن. مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئالىي مەكتەپ ئوقۇش تارىخىغا ئىگە، ئالىي ئىقتىسادچى، ئالىي ئىنژېنېر.

  1976 - يىلى 9- ئايدىن 1979- يىلى 12- ئايغىچە يېزا-ئىگىلىك 7- شى 125- تۈەن 3- ليەنىنىڭ ئىشچىسى، ئاشپەزلەر سىنىپىنىڭ سىنىپ باشلىقى بولغان؛

  1979 - يىلى 12- ئايدىن 1981- يىلى 12- ئايغىچە يېزا-ئىگىلىك 7- شى 125- تۈەن ئاساسىي قۇرۇلۇش ليەنىنىڭ خام چوت خادىمى، ئىستاتىستىكىچىسى بولغان؛

  1981- يىلى 12- ئايدىن 1984- يىلى 9- ئايغىچە يېزا-ئىگىلىك 7- شى 2-بىناكارلىق شىركىتى 5-شۆبە شىركىتىنىڭ خام چوت خادىمى بولغان؛

  1984- يىلى 9- ئايدىن 1986- يىلى 10-ئايغىچە يېزا-ئىگىلىك 7- شى 125- تۈەن ئاساسىي قۇرۇلۇش بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى بولغان؛

  1986- يىلى 10- ئايدىن 1989- يىلى 1- ئايغىچە يېزا-ئىگىلىك 7- شى 2-بىناكارلىق شىركىتى پىلان ئىچىدىكى توختام بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى بولغان؛

  1989- يىلى 1- ئايدىن 1992- يىلى 1- ئايغىچە يېزا-ئىگىلىك 7- شى 2-بىناكارلىق شىركىتى پىلان ئىچىدىكى توختام بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، قاراماي ئىش رايونىنىڭ مۇدىرى بولغان؛

  1992 - يىلى 1- ئايدىن 1993- يىلى 1- ئايغىچە يېزا-ئىگىلىك 7- شى 2-بىناكارلىق شىركىتى پىلان ئىچىدىكى توختام بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان؛

  1993- يىلى 1- ئايدىن 1996- يىلى 5- ئايغىچە يېزا-ئىگىلىك 7- شى 2-بىناكارلىق شىركىتى ئىگىلىك باشقۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى بولغان (1992- يىلى 9- ئايدىن 1993- يىلى 8- ئايغىچە نەنجىڭ بىناكارلىق قۇرۇلۇش ئىنستىتۇتى ئۆي-زېمىن تەرەققىياتى ۋە ئىگىلىك باشقۇرۇش كەسپىي گۇۋاھنامە سىنىپىدە ئوقۇغان؛ 1992- يىلى 9- ئايدىن 1995- يىلى 9- ئايغىچە بىڭتۈەن پارتكوم پارتىيە مەكتىپى يېزا-ئىگىلىك 7- شى تارماق مەكتىپى ئىقتىسادشۇناسلىق كەسپىدە ئوقۇغان)؛

  1996- يىلى 5- ئايدىن 1998- يىلى 1- ئايغىچە يېزا-ئىگىلىك 7- شى 2- بىناكارلىق شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورى بولغان ( 1995- يىلى 8- ئايدىن 1997- يىلى 12- ئايغىچە مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى سىرتتىن ئوقۇتۇش ئىنستىتۇتىنىڭ خىزمەتتە تۇرۇپ ئوقۇش ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىگىلىك باشقۇرۇش كەسپىدە ئوقۇغان)؛

  1998- يىلى 1- ئايدىن 2002- يىلى 3- ئايغىچە يېزا-ئىگىلىك 7- شى 2- بىناكارلىق شىركىتىنىڭ دىرېكتورى بولغان ( 2000- يىلى 12- ئايدىن 2002- يىلى 3- ئايغىچە شىخەنزە ئۇنىۋېرسىتېتى يېزا ئىقتىسادىنى باشقۇرۇش كەسپى ئاسپىرانتلىق بىلىم ئاشۇرۇش سىنىپىدا ئوقۇغان)؛

  2002- يىلى 3- ئايدىن 2002- يىلى 9- ئايغىچە يېزا-ئىگىلىك 7- شى كۇيتۇڭ دەرياسى ۋادىسى سۇچىلىق قۇرۇلۇشى سۇغىرىش باشقۇرۇش باشقارمىسى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، باشقارما باشلىقى بولغان؛2002- يىلى 9- ئايدىن 2005- يىلى 8- ئايغىچە يېزا-ئىگىلىك 7- شى كۇيتۇڭ دەرياسى ۋادىسى سۇچىلىق قۇرۇلۇشى سۇغىرىش باشقۇرۇش باشقارمىسى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، باشقارما باشلىقى، قوشۇمچە شىنجاڭ بېيفاڭ قۇرۇلۇش گۇرۇھى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، باش مۇدىر بولغان؛

  2005 - يىلى 8- ئايدىن 2007- يىلى 1- ئايغىچەيېزا-ئىگىلىك 7- شى تەڭرى تاغ شىمالى قىسىمىدىكى يېڭى رايوننىڭ پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بولغان.

  2007 - يىلى 1- ئايدىن 2011- يىلى 8- ئايغىچە يېزا-ئىگىلىك 7- شى باش ئىقتىسادچىسى، قوشۇمچە يېزا-ئىگىلىك 7 - شى تەڭرى تاغ شىمالى قىسىمىدىكى يېڭى رايونى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بولغان؛

  2011 - يىلى 8- ئايدىن 2011- يىلى 10- ئايغىچە يېزا-ئىگىلىك 7- شى پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن شىنجاڭى، قوشۇمچە يېزا-ئىگىلىك 7- شى تەڭرى تاغ شىمالى قىسىمىدىكى يېڭى رايونى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بولغان؛

  2011- يىلى 10- ئايدىن 2012- يىلى 12- ئايغىچە يېزا-ئىگىلىك 7- شى پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن شىنجاڭى، قوشۇمچە يېزا-ئىگىلىك 7- شى تەڭرى تاغ شىمالى قىسىمىدىكى يېڭى رايونى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان؛

  2012- يىلى 12- ئايدىن 2013- يىلى 4- ئايغىچە 7 ـ شى پارتكومى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن شىجاڭى قوشۇمچە 7- شى تەڭرى تاغ شىمالى قىسىمىدىكى يېڭى رايونى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى (2012- يىلى 9- ئايدىن 2013- يىلى 1- ئايغىچە مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ 63- قارارلىق شىنجاڭ نازىر دەرىجىلىك مىللىي كادىرلارنى تەربىيەلەش سىنىپىدا ئوقۇغان)؛

  2013- يىلى 4- ئايدىن 2016- يىلى 9- ئايغىچە 7ـ شى پارتكومى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن شىجاڭى بولغان؛

  2016- يىلى 9- ئايدىن 2016- يىلى 12- ئايغىچە بىڭتۈەن سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، رەئىس كاندىدات بولغان؛

  2016 - يىلى 12- ئايدىن ھازىرغىچە بىڭتۈەن سودا ـ سانائەت بىرلەشمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، رەئىسى، بىڭتۈەن باش سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسىنىڭ باشلىقى بولغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر