خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 22-مارت خەلق سارىيىدا كامېرون زۇڭتۇڭى بىيا بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ئىككى دۆلەتنىڭ دوستلۇق ئاساسى پۇختا، ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچى زور بولۇش قاتارلىق ئەۋزەللىكلىرىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگو – كامېرون مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشقا بىردەك قوشۇلدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: زۇڭتۇڭ بىيا ئافرىقىدىكى نوپۇزلۇق رەھبەر، شۇنداقلا جۇڭگو خەلقىنىڭ كونا دوستى. زۇڭتۇڭ ئەپەندى بۇ يىل ئافرىقىدىن تۇنجى بولۇپ جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەن دۆلەت باشلىقى، شۇنداقلا بۇ يىل جۇڭگونىڭ مەملىكەتلىك «ئىككى يىغىن»دىن كېيىن زىيارەتكە كەلگەن تۇنجى چەت ئەل دۆلەت رەھبىرى. كامېرون جۇڭگونىڭ ئافرىقىدىكى ئەنئەنىۋى دوستى ۋە مۇھىم ھەمكارلىق ھەمراھى. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 47 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەت باشتىن-ئاخىر ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، باراۋەر مۇئامىلىدە بولۇپ، بىر-بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان زور مەسىلىلەردە ئۆزئارا چۈشىنىش ھاسىل قىلىپ، ئۆزئارا قوللاپ كەلدى، جۇڭگو-كامېرون دوستلۇقى كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى. جۇڭگو كامېرون بىلەن بىرلىكتە ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو-كامېرون مۇناسىۋىتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك خاراكتېرىنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو-كامېرون مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ كۆپ بەخت يارىتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى