خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 3-ئاينىڭ 20-كۈنى، گۇاڭدۇڭدىكى ئىككى مەيدان مېھمان مەيدان مۇسابىقىسىنى ئويناپ تۈگەتكەن شىنجاڭ ۋاسكېتبول كوماندىسى مۇسابىقىنىڭ ئومۇمىي نەتىجىسىنى 2دە 1 قىلىپ ئۆزگەرتىپ، ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلدى.
ئۇزۇن سەپەردىن كەلگەن شىنجاڭ ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ ئەزالىرى قارىماققا ناھايىتى تېتىك كۆرۈنەتتى، ئايرودۇرۇمغا ئۆزلىرىنى كۈتۈۋېلىشقا چىققان توپ مەستانىلىرىنى كۆرگەندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ چىرايىغا كۈلكە يۈگۈردى ۋە توپ مەستانىلىرىنىڭ ئۆزلىرى بىلەن رەسىمگە چۈشۈۋېلىش، ئىمزا قويغۇزۇش ئىلتىماسىنى ئامالنىڭ بارىچە قاندۇردى.
شىنجاڭلىق توپ مەستانىسى «يۈەن ۋەي» مۇنداق دېدى: شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ ئەزالىرى جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، قەھرىمانلىق بىلەن ئالغا بېسىپ، ئىرادىسىنى مۇستەھكەملەپ، گۇاڭدۇڭ كوماندىسىنىڭ بىزنى ئۇدا ئۈچ مەيدان يېڭىپ مەغلۇپ قىلىش ئىشەنچىسىنى بەربات قىلدى. شىنجاڭ كوماندىسىغا مەدەت بېرىمىز!
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى