باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ كېلىشكىنى بويىچە فرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرون بىلەن تېلېفونلاشتى

2018.03.23 15:51         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 22-مارت كېلىشكىنى بويىچە فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرون بىلەن تېلېفونلاشتى.

  ماكرون شى جىنپىڭنىڭ ئۇدا جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسلىكىگە سايلانغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى. ماكرون مۇنداق دېدى: مەن فىرانسىيە-جۇڭگو دوستلۇقىنى قەدىرلەيمەن، جۇڭگونىڭ مەملىكەتلىك «ئىككى يىغىن»ىدا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىگە يۈكسەك دىققەت قىلدىم، سىز بىلەن داۋاملىق ئورتاق تىرىشىپ، فىرانسىيە-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدا ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشىمىزنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى خالايمەن. فىرانسىيە بىلەن جۇڭگو ئىككى تەرەپ يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئىقتىساد – سودا، مەبلەغ سېلىش، يېزا ئىگىلىكى، يادرو ئېنېرگىيەسى، مۇھىت قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش، كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى قوغداش، پۇل مۇئامىلە خەۋپ – خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق دۇنياۋى مەسىلىلەردىكى ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشى كېرەك.شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ مەملىكەتلىك «ئىككى يىغىن»ى يېپىلىپ ئۇزاق ئۆتمەي تېلېگرامما ئەۋەتىپ تەبرىكلىگەنلىكىڭىز جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىڭىز ۋە جۇڭگو-فىرانسىيە مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىڭىزنى چۈشەندۈرىدۇ. بۇ يىل جۇڭگونىڭ ئىسلاھات-ئېچىۋېتىشنى يولغا قويغانلىقىنىڭ 40 يىللىقى. ئەمدىلا ئاخىرلاشقان جۇڭگونىڭ مەملىكەتلىك «ئىككى يىغىن»ى جۇڭگونىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىل جۇڭگونىڭ ئىسلاھاتنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، تېخىمۇ زور تەرەققىياتلارنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان مەزگىلى، شۇنداقلا جۇڭگونىڭ دۇنياغا تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىدىغان مەزگىلى. ئىشىنىمەنكى، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى جۇڭگو-فىرانسىيە، جۇڭگو-ياۋروپا ھەمكارلىقىنى تېخىمۇ كۆپ پۇرسەتكە ئىگە قىلىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر