باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئەتىيازلىق كۈن-تۈن تەڭلەشكەن پەيتتە ھاۋامۇ ئىللىدى

ھەپتە ئاخىرى ئۈرۈمچىدە ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 20 سېلسىيە گىرادۇسقا چىقىدۇ

2018.03.22 13:15         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «كۈن-تۈن، مۇسبەت–مەنپى تەڭلىشەر، سوغ كېتىپ، گۈللەر ئېچىلار».

  «جۇڭگو ئاسترونومىيە كالېندارى»دا كۆرسىتىلىشىچە، 3-ئاينىڭ 21-كۈنى نۆلدىن 15 مىنۇت 24 سېكۇنت ئۆتكەندە، قەمەرىيە كالېندارى بويىچە 24 مەۋسۈم ئىچىدىكى ئەتىيازلىق كۈن-تۈن تەڭلىشىش ۋاقتى ھېسابلىنىدۇ.

  مېتېئورولوگىيە تارماقلىرىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، كەلگۈسى بىر نەچچە كۈن ئىچىدە ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، تېمپېراتۇرا ئۆرلەيدىكەن، شامال ئانچە كۈچلۈك بولمايدىكەن. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مېتىئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ ھاۋا رايى مەلۇماتىغا قارىغاندا، كۈن-تۈن تەڭلىشىشتىن كېيىن، شىمالىي شىنجاڭدا قار-مۇزلۇق ھاۋارايى ئاخىرلىشىدىكەن، جەنۇبىي شىنجاڭدىمۇ توپا-چاڭلىق ھاۋا رايى ئاساسەن كۆرۈلمەيدىكەن، پۈتۈن شىنجاڭ باھار ئىللىقلىقىغا تولىدىكەن. مۆلچەرلىنىشىچە، كەلگۈسى ئۈچ كۈندە، تېمپېراتۇرا ئىزچىل ئۆرلەپ، ھەپتە ئاخىرىغا بارغاندا، ئۈرۈمچىنىڭ ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 20 سېلسىيە گىرادۇسقا چىقىدىكەن.

  مېتېئورولوگىيە تارماقلىرى شۇنداق ئەسكەرتىدۇ: تېمپېراتۇرا گەرچە ئۆرلىگەن بولسىمۇ، ئەتىيازدىكى ئۈششۈكنىڭ يېزا ئىگىلىكىگە كەلتۈرىدىغان زىيىنىنى يەنىلا نەزەردىن ساقىت قىلغىلى بولمايدۇ، شۇڭلاشقا ھاۋارايى مۇقىملاشقاندا ئاندىن ئەتىيازلىق تېرىلغۇنى باشلاش، بەك بالدۇر تېرىقچىلىق باشلىماسلىق تەكلىپىنى بېرىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر