خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: قەشقەر شەھىرىنىڭ يېڭىئۆستەڭ يېزىسى دۆڭئېرىق كەنتىدىكى نامرات دېھقان ئابلىكىم ئەلى باقمىچىلىق بازىسى تارقاتقان نەسىللىك (سورتلۇق) كەپتەرلەرنى ئېلىۋالماقتا. بېقىش مەزگىلىدە، ئۇ ئىشىك ئالدىغا بېرىپ تېخنىكىلىق يېتەكچىلىك قىلىشتىن ھەقسىز بەھرىمەن بولىدۇ، باچكىلار كوپىراتىپ تەرىپىدىن بىر تۇتاش سېتىلىدۇ (12- مارت فوتوسى).
كۆك نامرات رايونلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، شىنجاڭ قەشقەر ۋىلايىتى دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرىنى تۇتقا قىلىپ، يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈپ باشقۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردى. دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپى ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرى، ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەش، پىششىقلاپ ئىشلەش، تىجارەت قاتارلىق مۇلازىمەتلەرنى بىر تۇتاش ئېلىپ بېرىپ، دېھقانلارنى نەپكە ئېرىشتۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەر ئوبوروتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دېھقانلارنى يېقىن ئەتراپتا ئىشلەمچىلىك قىلىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. شىنجاڭ قەشقەر ۋىلايەتلىك دېھقانچىلىق ئىقتىساد ئىدارىسىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، ھازىر ۋىلايەت بويىچە دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپى 1600دىن ئاشىدىكەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى