باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ كوماندىسى مۇسابىقىنى قىزىلتاغ مەيدانىغا ئېلىپ كەلدى!

2018.03.22 11:18         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  CBA پەسىلدىن كېيىنكى مۇسابىقىسى تۆت كۈچلۈكلەر قاتارىغا كىرىش شاللاش مۇسابىقىسىنىڭ ئالدىنقى ئىككى ئايلانما مۇسابىقىسىدە، گۇاڭدۇڭ كوماندىسى يۇقىرى نومۇر بىلەن شىنجاڭ كوماندىسىنى يېڭىپ، ئومۇمىي نەتىجىدە 2 دە 0 پەرق بىلەن تۆت كۈچلۈكلەر قاتارىغا كىرىش ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە نۇقتىسىغا يېتىپ كەلدى، شىنجاڭ كوماندىسى يار لېۋىگە كېلىپ قالغان بولۇپ، يەنە بىر مەيدان ئۇتتۇرسىلا پەسىلدىن كېيىنكى مۇسابىقە سەپىرى ئاياغلىشاتتى.

  ئالدىنقى ئىككى مەيدان مۇسابىقىگە ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى، ئۈچىنچى مەيدان مۇسابىقىدە شىنجاڭ كوماندىسى ئاۋۋالقى تۆۋەن كەيپىياتلىق مۇسابىقە ھالىتىنى ئۆزگەرتىپ، كوماندا بويىچە بىرلىككە كېلىپ، ئىشنى ئاۋۋال مۇداپىئەنى ياخشى قىلىشتىن باشلىدى.

  بۇ ھالقىلىق مۇسابىقىدە، شىنجاڭ كوماندىسى ھۇجۇم جەھەتتە بەك ئالدىراپ كەتمىدى، سالماقلىق بىلەن ئەڭ ياخشى ھۇجۇم قىلىش پەيتىنى ئىزدىدى. ھۇجۇم بىلەن مۇداپىئەنى ئالماشتۇرۇشتىكى ھالقىلىق پەيتلەردە، ئەڭ سالماقلىق بىلەن ھەر بىر پۇرسەتنى قەدىرلىدى ۋە زايا قىلمىدى.

  مۇسابىقە باشلىنىشى بىلەن، شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ غوللۇق ئەزاسى ئادامس پۇرسەت بولسا گارغا توپ تاشلىدى، پۇرسەت بولمىسا سەبداشلىرىغا پاس بەردى، شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ پاس توپى راۋان ئايلىنىپ، ئەزالارنىڭ بوش ئورۇنغا يۈگرىشى كۆپەيگەندە، گۇاڭدۇڭ كوماندىسىنىڭ ئەزالىرى شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ ھەقىقىي قايتىپ كەلگىنىدىن ھەيران قالدى ۋە جىددىيلەشتى.

  كېيىنكى يېرىم مەيدان باشلاندى، گۇڭدۇڭ كوماندىسى مۇداپىئە تاكتىكىسىنى ئۆزگەرتتى، نومۇر ئېلىش تۇيغۇسى ئاجىزلىغان شىنجاڭ كوماندىسى بىر ئاز ھودۇقتى، گۇاڭدۇڭ كوماندىسى بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، تېز سۈرئەتتە نومۇر پەرقىنى چوڭايتتى. بىراق شىنجاڭ كوماندىسى تېزلىكتە ئەسلىگە كەلدى ۋە ئۆزىنىڭ كوزىر ھۈنىرىنى ئىشقا سالدى: قاتتىق مۇداپىئە قىلىش! سەن مېنى بىئارام قىلساڭ، ئۆزۈڭمۇ راھەت ئۆتىمەن دەپ خام خىيال قىلما!

  4-چارەك مەيداننىڭ ئەڭ ئاخىرىقى ئۈچ مىنۇتىدا، ئىككىلا تەرەپ بەدەن قۇۋۋىتىنىڭ خوراپ كېتىشى بىلەن توپ چۈشۈرۈش ھالىتىدە سەۋەنلىك كۆرۈلدى، گۇاڭدۇڭ كوماندىسى يى جيەنليەننىڭ ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ ئىچكى لىنىيەسىگە ئارقىمۇ-ئارقا ھۇجۇم قوزغىدى. دەل مۇشۇ پەيتتە، شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ تىرېنېرى لى چيۇپىڭ بىلاتچىنى مەيدانغا چىقىرىپ، ئادامسنى مەيداندىن چۈشۈردى، يۈ چاڭدۇڭنى چۈشۈرۈپ، سۈن توڭلىننى چىقاردى. بۇ قېتىم ئادەم ئالماشتۇرغاندىن كېيىنكى بىر يېرىم مىنۇت ئىچىدە، شىنجاڭ كوماندىسى پەۋقۇلئاددە ئۈنۈمگە ئېرىشتى.

  سۈن توڭلىن مەخسۇس مۇداپىئە قىلدى، بىلاتچى مەخسۇس ھۇجۇم قىلدى، 8 نومۇر، 6 نومۇر، 3 نومۇر، 2 نومۇر،... شىنجاڭ كوماندىسى 10 نومۇرلۇق پەرقنى قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە كىچىكلەتتى، دەرۋەقە، شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ تىرىشچانلىقى بىكارغا كەتمىدى، ئۇلار ھەر بىر ھۇجۇم پۇرسىتىنى قەدىرلەپ، ھەر بىر مۇداپىئەنى ياخشى قىلدى. ئەڭ ھالقىلىق پەيتتە، بىلاتچى ئۈچ نومۇرلۇق توپتىن بىرنى تاشلاپ، گۇاڭدۇڭ كوماندىسىدىن بىر نومۇر ئاشۇردى. ئەڭ ئاخىرقى پەيتتە، ئادامس ئارقىمۇ-ئارقا ئىككى قېتىم توپ تاشلاپ، شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ مۇسابىقە غەلىبىسىنىڭ مۇقىملىشىشىغا ياردەم قىلدى.

  گۇاڭدۇڭ كوماندىسىنىڭ مۇسابىقىدە يېڭىشىگە ئەسلىدە ئىمكانىيىتى بار ئىدى، بىراق ئۇدا ئىككى مەيدان غەلىبە قىلغان گۇاڭدۇڭ كوماندىسى ئۆزىگە بەك ئىشىنىپ كەتتى، ئارقىمۇ-ئارقا تاشلىغان نەچچە توپى گارغا تېگىپ، شىنجاڭ كوماندىسىغا قايتۇرما ھۇجۇم قىلىش، مۇداپىئە قىلىش، ئاخىرقى پەيتتە نومۇرنى ئاشۇرۇپ غەلىبە قىلىشتەك پۇرسەتنى بېرىپ قويدى. ئەڭ ئاخىرقى 17.6 سېكۇنت قالغاندا، بىلاتچى تاشلىغان ئۈچ نومۇرلۇق توپ چۈشۈپ، شىنجاڭ كوماندىسى نومۇرنى ئاشۇرغاندا، پۈتۈن مەيدان تىمتاسلىققا چۆمۈپ، گۇاڭدۇڭ مەستانىلىرى ئاغزىنى ئېچىپ قالدى!

  شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ كاپىتانى قىرانبېك ئۆزىنىڭ ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، مۇسابىقىنى قىزىلتاغقا ئېلىپ كەلدى. كېلەركى مەيدان مۇسابىقە يەنىلا بىزگە نىسبەتەن پايدىسىز ۋە قىيىن بولسىمۇ ھېچقىسى يوق، بىز بۇ مەيدان مۇسابىقىدە ئاللىقاچان ئۆزىمىزنىڭ جاسارىتىنى كۆرسەتتۇق، بىزنىڭ ئىشەنچىمىز بار. توپ مەستانىلىرى شىنجاڭ كوماندىسى بىلەن بىللە كېلەركى مەيداندا، قىزىلتاغ تەنتەربىيە سارىيىدا «بۇ يەر شىنجاڭ!»نى ئېيتىپ، ئۇلارغا شىنجاڭنىڭ كۈچىنى كۆرسىتىدۇ!

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر