باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش لايىھەسى»نى بېسىپ تارقاتتى

2018.03.22 14:48         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى يېقىندا «پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش لايىھەسى»نى بېسىپ تارقاتتى ۋە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، جايلار، تارماقلاردىن ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇش، ئىجرا قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

  «پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش لايىھەسى»نىڭ تولۇق تېكىستى تۆۋەندىكىچە:

  يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا، چوقۇم پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ماركسىزم-لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، يولداش شى جىنىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ تەرەققىيات تەلىپىگە ماسلىشىپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت ئاساسىي رېتىمى، توغرا ئىسلاھات يۆنىلىشى، خەلقنى مەركەز قىلىش، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىشنى يېتەكچى، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى يۆنىلىش، پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرىنىڭ فۇنكسىيەسىنى ياخشىلاش، ماسلاشتۇرۇش، ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشنى كۈچەش نۇقتىسى قىلىپ، ئاپپارات تەسىس قىلىشنى ئىسلاھ قىلىپ، فۇنكسىيە تەقسىماتىنى ياخشىلاپ، فۇنكسىيە، ئۇسۇل، ئىستىلنى ئۆزگەرتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇپ، سىستېمىسى مۇكەممەل، ئىلمىي، قېلىپلاشقان، يۈرۈشىشى ئۈنۈملۈك پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى فۇنكسىيە سىستېمىسىنى پائال بەرپا قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشنىڭ يېڭى مۇساپىسىنى باشلاش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىشنى كۈچلۈك تۈزۈم كاپالىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.

  بىرىنچى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئەڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكى. پارتىيە، ھۆكۈمەت، ھەربىي، خەلق، ئوقۇغۇچىلارغا، پۈتكۈل مەملىكەتنىڭ ھەممە جايىغا پارتىيە رەھبەرلىك قىلىدۇ. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىك قىلىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى كۆزلەپ، پارتىيەنىڭ تەشكىلىي ئاپپاراتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ مۇھىم خىزمەتلەرگە رەھبەرلىك قىلىش تۈزۈلمە-مېخانىزمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ فۇنكسىيەلىك تارماقلىرىنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، مەسئۇلىيىتى ئوخشىشىپ كېتىدىغان پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ ياكى بىرلىكتە ئىش بېجىرىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تارماقلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ياخشىلاپ، پارتىيەنىڭ يۆنىلىشنى بەلگىلەش، ئومۇمىيەتنى كۆزلەش، سىياسەت تۈزۈش، ئىسلاھاتقا تۈرتكە بولۇش ئىقتىدارى ۋە تۇرغۇنلىقىنى ئاشۇرۇپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى بىلەن تولۇق قاپلاش، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر