باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭغا خىزمىتىدىن مەلۇمات بەردى

2018.03.22 14:50         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  

  شى جىنپىڭ خىزمەت مەلۇماتى دوكلاتلىرىنى ئەستايىدىل كۆرۈپ چىقتى ۋە مۇھىم تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئەسلى مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئومۇمىيەتنى قەلبىگە پۈكۈپ، خەلق ئۈچۈن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ، جاسارەت بىلەن يول ئېچىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىپ، ئۆز نەپسىدىن كېچىپ، ئومۇم ئۈچۈن ئىشلەپ، پاك-دىيانەتلىك بولۇپ، ئۈلگىلىك، باشلامچىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇشنى تەكىتلىدى


  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش ۋە قوغداش توغرىسىدىكى بىر قانچە بەلگىلىمىسى»گە ئاساسەن، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلار يىلدا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭغا خىزمىتىدىن يازمىچە مەلۇمات بېرىدۇ. بۇ پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش ۋە قوغداشتىكى مۇھىم تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرۇشى. مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلار يېقىندا تۇنجى قېتىم پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭغا خىزمىتىدىن يازمىچە مەلۇمات بەردى. شى جىنپىڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلارنىڭ خىزمەت مەلۇماتى دوكلاتىنى ئەستايىدىل كۆرۈپ چىقتى ۋە مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلارغا مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش، خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش، ئىستىلنى ياخشىلاش جەھەتلەردە مۇھىم تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ج ك پ 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىغا بىنائەن زور رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئالغان. مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى ھەر بىر يولداش ئەسلى مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئومۇمىيەتنى قەلبىگە پۈكۈپ، خەلق ئۈچۈن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ، جاسارەت بىلەن يول ئېچىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىپ، ئۆز نەپسىدىن كېچىپ، ئومۇم ئۈچۈن ئىشلەپ، پاك-دىيانەتلىك بولۇپ، ئۈلگىلىك، باشلامچىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇشى، ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن ھەر دەرىجىلىك كادىرلار ۋە كەڭ ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ھەم يېتەكلەپ، بىر نىيەتتە «ئىككى 100 يىللىق» كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىشى كېرەك.

  مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلار ئىش تەقسىماتىغا ئاساسەن، بىر يىلدىن بۇيانقى ئىدىيەۋى خىزمەت ئەمەلىيىتى، بولۇپمۇ پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىش ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، كەسكىن، ئەستايىدىل پوزىتسىيە ۋە يۈكسەك مەسئۇلىيەتچانلىق روھى بىلەن خىزمەت مەلۇماتى دوكلاتىنى يېزىپ چىقىپ، خىزمەت خۇلاسىسىدە ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشتە چىڭ تۇرۇپ، تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ، مەسىلىلەرنى تەھلىل قىلدى، پارتىيەۋىلىك جەھەتتىن ئانالىز قىلىپ، ئۆزگەرتىش تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى، قاتتىق تەلەپ قويۇپ، ئۆزى ئۈستىدە ئويلاندى، بۇلار مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلارنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش تەلىپىنى باشلامچىلىق بىلەن ئىزچىللاشتۇرغانلىقىنى نامايان قىلدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر