باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنى

2018.03.22 14:55         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  

  (1982-يىلى 12-ئاينىڭ 4-كۈنى 5-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5-يىغىنىدا ماقۇللانغان، 1982-يىلى 12-ئاينىڭ 4-كۈنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئېلان قىلىپ يولغا قويۇشنى جاكارلىغان. 1988-يىلى 4-ئاينىڭ 12-كۈنى 7-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنىدا ماقۇللانغان «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئاساسىي قانۇنىنىڭ تۈزىتىلمىسى»گە، 1993-يىلى 3-ئاينىڭ 29-كۈنى 8-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنىدا ماقۇللانغان «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئاساسىي قانۇنىنىڭ تۈزىتىلمىسى»گە، 1999-يىلى 3-ئاينىڭ 15-كۈنى 9-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 2-يىغىنىدا ماقۇللانغان «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئاساسىي قانۇنىنىڭ تۈزىتىلمىسى»گە، 2004-يىلى 3-ئاينىڭ 14-كۈنى 10-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 2-يىغىنىدا ماقۇللانغان «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئاساسىي قانۇنىنىڭ تۈزىتىلمىسى»گە ۋە 2018-يىلى 3-ئاينىڭ 11-كۈنى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنىدا ماقۇللانغان «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئاساسىي قانۇنىنىڭ تۈزىتىلمىسى»گە ئاساسەن تۈزىتىلدى)


  مۇندەرىجە

  سۆز بېشى

  1-باب ئومۇمىي پىروگرامما

  2-باب پۇقرالارنىڭ ئاساسىي ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتى

  3-باب دۆلەت ئاپپاراتلىرى

  1-پاراگراف مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى

  2-پاراگراف جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى

  3-پاراگراف گوۋۇيۈەن

  4-پاراگراف مەركىزىي ھەربىي كومىتېت

  5-پاراگراف يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى

  6-پاراگراف مىللىي ئاپتونومىيەلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى

  7-پاراگراف رېۋىزىيە كومىتېتى

  8-پاراگراف خەلق سوت مەھكىمىلىرى ۋە خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى

  4-باب دۆلەت بايرىقى، دۆلەت شېئىرى، دۆلەت گېربى ۋە پايتەخت

  سۆز بېشى

  جۇڭگو دۇنيادا تارىخى ئەڭ ئۇزاق دۆلەتلەرنىڭ بىرى. جۇڭگودىكى ھەر مىللەت خەلقى بىرلىكتە پارلاق مەدەنىيەت ياراتتى، ئۇلار شانلىق ئىنقىلابىي ئەنئەنىگە ئىگە.

  فېئوداللىق جۇڭگو 1840-يىلىدىن كېيىن پەيدىنپەي يېرىم مۇستەملىكە، يېرىم فېئوداللىق دۆلەتكە ئايلىنىپ قالدى. جۇڭگو خەلقى دۆلەتنىڭ مۇستەقىللىقى، مىللەتنىڭ ئازادلىقى ۋە دېموكراتىيە-ئەركىنلىك يولىدا ئالدىنقىلارنىڭ ئىزىنى كېيىنكىلەر بېسىپ باتۇرانە كۈرەش قىلدى.

  20-ئەسىردە، جۇڭگودا يەر-جاھاننى زىلزىلىگە كەلتۈرىدىغان ئۇلۇغ تارىخىي ئۆزگىرىشلەر بولدى.

  1911-يىلى سۇن جۇڭشەن ئەپەندى رەھبەرلىك قىلغان شىنخەي ئىنقىلابى فېئودال پادىشاھلىق تۈزۈمنى بىكار قىلىپ، جۇڭخۇا مىنگونى بەرپا قىلدى، لېكىن جۇڭگو خەلقىنىڭ جاھانگىرلىككە ۋە فېئودالىزمغا قارشى تۇرۇشتىن ئىبارەت تارىخىي ۋەزىپىسى ئورۇندالمىدى.

  رەئىس ماۋ زېدۇڭ باشچىلىقىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭگودىكى ھەر مىللەت خەلقىگە رەھبەرلىك قىلىپ، ئۇزاق مۇددەت داۋام قىلغان جاپالىق، ئەگرى-توقاي قوراللىق كۈرەشلەرنى ۋە باشقا شەكىلدىكى كۈرەشلەرنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، 1949-يىلى جاھانگىرلىك، فېئودالىزم ۋە بىيۇروكرات كاپىتالىزمنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئاخىر ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، يېڭى دېموكراتىك ئىنقىلابنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنى قۇردى. جۇڭگو خەلقى شۇنىڭدىن ئېتىبارەن دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ئۆز قولىغا ئېلىپ، دۆلەتنىڭ خوجايىنىغا ئايلاندى.

  جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، جەمئىيىتىمىز يېڭى دېموكراتىزمدىن پەيدىنپەي سوتسىيالىزمغا ئۆتتى. ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىگە بولغان خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىك جەھەتتىكى سوتسىيالىستىك ئۆزگەرتىش ئورۇندالدى، كىشىنى كىشى ئېكسپلاتاتسىيە قىلىدىغان تۈزۈم يوقىتىلدى، سوتسىيالىستىك تۈزۈم ئورنىتىلدى. ئىشچىلار سىنىپى رەھبەرلىك قىلىدىغان، ئىشچى-دېھقانلار ئىتتىپاقىنى ئاساس قىلغان خەلق دېموكراتىيەسى دىكتاتورىسى، ماھىيەتتە پىرولېتارىيات دىكتاتورىسى مۇستەھكەملەندى ۋە راۋاجلاندى. جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى جاھانگىرلىك ۋە زومىگەرلىكنىڭ تاجاۋۇزى، بۇزغۇنچىلىقى ۋە قوراللىق ئىغۋاگەرچىلىكى ئۈستىدىن غەلىبە قىلىپ، دۆلەتنىڭ مۇستەقىللىقىنى ۋە خەۋپسىزلىكىنى قوغداپ، دۆلەت مۇداپىئەسىنى كۈچەيتتى. ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشتا زور مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلدى. مۇستەقىل، بىرقەدەر مۇكەممەل سوتسىيالىستىك سانائەت سىستېمىسى ئاساسىي جەھەتتىن ۋۇجۇدقا كەلدى، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى كۆرۈنەرلىك يۈكسەلدى. مائارىپ، ئىلىم-پەن، مەدەنىيەت ئىشلىرى ۋە باشقا ئىشلار زور دەرىجىدە راۋاجلاندى، سوتسىيالىستىك ئىدىيەۋى تەربىيەدە كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلىندى. كەڭ خەلقنىڭ تۇرمۇشى خېلىلا ياخشىلاندى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر