- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
2018-يىلى ئاپتونوم رايونىمىز جەمئىيەتتىن 6928 مەمۇر قوبۇل قىلىدۇ
ئىمتىھانغا تىزىملىتىش ۋاقتى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى باشلىنىپ، 3-ئاينىڭ 29-كۈنى ئاخىرلىشىدۇ
2018.03.22 13:51 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 3-ئاينىڭ 20-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئاشكارا ئىمتىھان ئارقىلىق جەمئىيەتتىن مەمۇر قوبۇل قىلىش خىزمىتىنىڭ 2018-يىللىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۇيۇشتۇردى. سۈرەتتىكىسى شۇ يىغىن نەق مەيدانىدىن ئېلىنغان كۆرۈنۈش.
3-ئاينىڭ 20-كۈنى، مۇخبىرىمىزنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئاشكارا ئىمتىھان ئارقىلىق جەمئىيەتتىن مەمۇر قوبۇل قىلىش خىزمىتىنىڭ 2018-يىللىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز جەمئىيەتتىن 6928 مەمۇر قوبۇل قىلىدىكەن. ئىمتىھانغا تىزىملىتىش ۋاقتى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى باشلىنىپ، 3-ئاينىڭ 29-كۈنى ئاخىرلىشىدىكەن.
ئىگىلىشىمىزچە، بۇ قېتىملىق يېزىقچە ئىمتىھان 4-ئاينىڭ 21-، 22-كۈنلىرى ئېلىنىپ، يېزىقچە ئىمتىھان نەتىجىسى 5-ئاينىڭ ئاخىرىدا ئېلان قىلىنىدىكەن. 6-، 7-ئايلاردا سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش ۋە يۈزتۇرانە ئىمتىھان ئېلىنىدىكەن. 7، 8-ئايلاردىن باشلاپ، تەكشۈرۈش، ئېلان قىلىش، قوبۇل قىلىش ۋە تولۇقلاپ قوبۇل قىلىش خىزمەتلىرى ئېلىپ بېرىلىدىكەن. بۇ قېتىملىق مەمۇر قوبۇل قىلىشتا ئاساسىي قاتلامدىكى ناھىيە-يېزا ئورگانلىرىدىكى ئىش ئورۇنلىرىنىڭ سانى ئومۇمىي ساننىڭ %80.53ىنى ئىگىلەيدىغان بولۇپ، ئىمتىھان ئارقىلىق مەمۇر قوبۇل قىلىش داۋاملىق تۈردە ئاساسىي قاتلاملارغا مايىللىشىدىكەن.ئىمتىھانغا توردا تىزىملىتىش رەسمىيىتى شىنجاڭ كادىرلار ئىشلىرى ئىمتىھان مەركىزى تورى (http://www.xjrsks.com.cn)دا يۈرگۈزۈلىدۇ. ئىمتىھانغا تىزىملىتىشنىڭ كونكرېت ئۇسۇللىرىنى مەزكۇر تور بەتتىكى «تىزىملىتىش باسقۇچلىرى»دىن كۆرۈڭ. خىزمەت ئورنى تىزىملىكىنى شىنجاڭ كادىرلار ئىشلىرى ئىمتىھان مەركىزى تورى (http://www.xjrsks.com.cn)،شىنجاڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى تورى (http://www.xjkunlun.cn)، شىنجاڭ ئادەم بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى تورى (http://www.xjirs.gov.cn)دىن تەكشۈرۈڭ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر