باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

تۈركىيەنىڭ بىر ئۇرۇش ئايروپىلانى چۈشۈپ كېتىپ بىر ئادەم ئۆلدى

2018.03.23 16:21         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  3-ئاينىڭ 22-كۈنى، تۈركىيەنىڭ نەۋسەھىر ئۆلكىسىدە، قۇتقۇزۇش خادىملىرى كۈرەشچى ئايروپىلان چۈشۈپ كەتكەن نەق مەيداندا قۇتقۇزۇشنى قانات يايدۇرماقتا.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تۈركىيە ئارمىيە تەرەپ 22-مارت، ھەربىي تەرەپ F – 16 بەلگىلىك بىر كۈرەشچى ئايروپىلاننىڭ شۇ كۈنى تۈركىيەنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدا چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى، ئايروپىلاندىكى بىر ئۇچقۇچىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئېيتتى.

  تۈركىيە قوراللىق كۈچلىرى باش ئىشتابى شۇ كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، بۇ ئايروپىلاننىڭ 3-ئاينىڭ 22-كۈنى كەچتىكى مەشىق قىلىپ ئۇچۇش جەريانىدا چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى، ئايروپىلان چۈشۈپ كەتكەن جاينىڭ نەۋسەھىر ئۆلكىسى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

  باياناتتا: قۇتقۇزغۇچى خادىملار ئايروپىلان چۈشۈپ كەتكەن جايدا ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ پارچىلىرى ۋە ئۆلگۈچىنىڭ جەسىتىنى بايقىدى. ۋەقەنىڭ سەۋەبى نۆۋەتتە تېخى ئېنىق ئەمەس، ھەربىي تەرەپ ھازىر تەكشۈرمەكتە، دېيىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر