خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: كورېيە سېئۇل مەركىزىي يەرلىك سوت مەھكىمىسى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى كەچتە سابىق زۇڭتۇڭ لى ميۇڭباكنى قولغا ئېلىشنى تەستىقلىدى ۋە قولغا ئېلىش بۇيرۇقى چۈشۈردى. لى ميۇڭباك كورېيەنىڭ پارىخورلۇق، چىرىكلىككە چېتىلىش سەۋەبلىك قولغا ئېلىنغان 5-سابىق زۇڭتۇڭى بولۇپ قالدى.
سېئۇل مەركىزىي يەرلىك سوت مەھكىمىسىنىڭ سوتچىسى تەپتىش مەھكىمىسى بىلەن لى ميۇڭباك ئۆمىكى تاپشۇرغان ماتېرىياللارغا قاراپ چىققاندىن كېيىن، قولغا ئېلىشنى تەستىقلاش قارارىنى چىقاردى. سوتچى مۇنداق دەپ قارىدى: لى ميۇڭباك چېتىشلىق جىنايەت قىلمىشنىڭ مۇئەييەن پاكىت ئاساسى بار ۋە دېلو ئەھۋالى ئېغىر. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا لى ميۇڭباكنىڭ دەلىل-ئىسپاتنى بۇزۇش قىلمىشى ئېھتىماللىقى بار. لى ميۇڭباك سېئۇلنىڭ شەرقىدىكى قاماقخانىغا قامىلىشى مۇمكىن.
لى ميۇڭباك تەپتىش مەھكىمىسى تەرىپىدىن 12 تۈرلۈك جىنايەت ئۆتكۈزدى دەپ قارالغان، بۇنىڭ ئىچىدە پارا ئېلىش، مەبلەغنى قانۇنسىز يۆتكەپ ئىشلىتىۋېلىش، باجدىن قېچىش، خىزمەت ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلىنىش، قانۇنسىز ھۆججەت ساقلاش ۋە يوشۇرۇش، سايلام قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىش قاتارلىقلار. ئاخبارات ۋاسىتىلىرى تەھلىل قىلىپ مۇنداق دەپ قارىدى: ئەگەر جىنايىتى بېكىتىلسە، لى ميۇڭباك كۆپ دېگەندە 45 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشى مۇمكىن.
لى ميۇڭباك 1941-يىلى تۇغۇلغان، 2008-يىلىدىن 2013-يىلىغىچە كورېيەنىڭ زۇڭتۇڭى بولغان. ئۇ چۇن دۇخۋان، رۇ تەيۋۇ، رۇ مۇخيۇن، پاك گيۇنخۇيدىن كېيىنكى تەپتىش تەرەپنىڭ تەكشۈرۈشى بىلەن قولغا ئېلىنغان كورېيەنىڭ 5-سابىق زۇڭتۇڭى بولۇپ قالدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى