خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 3-ئاينىڭ 21-كۈنى، جۇڭگو قىسقا ئارلىققا تېز تېيىلىش كوماندىسىنىڭ ئەزاسى ۋۇ داجىڭ، شۈ خوڭجى، رېن زىۋېي، چۈ چۇنيۈ ۋە لى جىنيۈ (سولدىن ئوڭغا) كۆرۈشۈش يىغىنىغا قاتناشتى.
شۇ كۈنى، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتى تارقاتقان «بېيجىڭ 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ۋە قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ گېربى» پوچتا ماركىسىنىڭ ساپ ئالتۇن، كۈمۈشتىن تەقلىدىي بېسىلغان ئالاھىدە ئىجازەتلىك مەھسۇلاتلىرىنى كۆرسىتىش يىغىنى جۇڭگو بانكىسىنىڭ بېيجىڭ شۆبە بانكىسىدا ئۆتكۈزۈلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مەھسۇلات جۇڭگو بانكىسىنىڭ ھەر قايسى تىجارەت تور نۇقتىلىرى، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئالاھىدە ئىجازەت بېرىلگەن تاۋارلارنى پارچە سېتىش دۇكىنى، «بېيجىڭ-2022» ئالاھىدە ئىجازەتلىك تاۋارلار ئورگان تور دۇكىنى ۋە جۇڭگو پوچتا تور نۇقتىسىدا بازارغا سېلىنىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى