باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

قاتناش-تىرانسپورت مىنىستىرلىقى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى بىرلىشىپ ھۆججەت چىقىرىپ، كىرا ئاپتوموبىللىرى شوپۇرلىرىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىنى تەكشۈرۈش ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلدى

2018.03.22 15:08         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 21-مارت قاتناش-تىرانسپورت مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىنىشىچە، قاتناش- تىرانسپورت مىنىستىرلىقى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى يېقىندا بىرلىشىپ ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، كىرا ئاپتوموبىللىرى شوپۇرلىرى ۋە توردا چاقىرىدىغان ماشىنا شوپۇرلىرىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىنى تەكشۈرۈش ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەشنى تەلەپ قىلدى.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: كىرا ئاپتوموبىل مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنىشنى ئىلتىماس قىلغان شوپۇرلار مۇلازىمەت قىلىدىغان جايدىكى تاكسى مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلىرىغا ئالاقىدار ئىسپات ياكى ۋەدە بېرىش ماتېرىيالى تاپشۇرىدۇ. جايلارىكى كىرا ئاپتوموبىللىرىنى مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرى تەڭ دەرىجىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىنى گۇۋاھنامىسى بار تاكسى شوپۇرلىرىنىڭ ئۇچۇرلىرى بىلەن تەمىنلەيدۇ. جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى ھەر پەسىلدە كىنىشكىسى بار شوپۇرلارنىڭ ئارقا كۆرۈنۈش ئۇچۇرلىرىنىڭ ئۆزگەرتىلىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ، قاتناش ۋەقەسى تۇغدۇرۇش جىنايىتى، خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى خاتىرىسى، زەھەر چېكىش خاتىرىسى، ھاراق ئىچكەندىن كېيىن ئاپتوموبىل ھەيدەش خاتىرىسى، زوراۋانلىق جىنايەت خاتىرىسى، يېقىندا ئۇدا ئۈچ نومۇر خاتىرىلەش مۇددىتى ئىچىدە 12 نومۇرى خاتىرىلەنگەن خاتىرىسى قاتارلىق ئەھۋاللار بار شوپۇرلار تەكشۈرۈپ بايقالغان ھامان، ۋاقتىدا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى كىرا ئاپتوموبىللىرىنى مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرىغا قايتۇرىدۇ، كىرا ئاپتوموبىللىرىنى مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرى مۇناسىۋەتلىك شوپۇرلارنىڭ كەسىپكارلىق سالاھىيەت كىنىشكىسىنى بىكار قىلىدۇ ھەمدە ئېلان چىقىرىپ ئىناۋەتسىز قىلىدۇ. ئالاقىدار قاتناش قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلىش، جاۋابكارلىق ھادىسە ئۇچۇرلىرى كارخانا ۋە شوپۇرلارنىڭ يىللىق مۇلازىمەت سۈپىتىنى باھالاش ئارخىپىغا كىرگۈزۈلىدۇ.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش شەرتى ئاستىدا، كىرا ماشىنا شوپۇرلىرىنىڭ ئالاقىدار ئۇچۇر سىستېمىسى ۋە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ نوپۇس ئۇچۇرى، ئاپتوموبىل شوپۇرلىرىنىڭ قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش خاتىرىسىدىكى ئۇچۇرلار، زوراۋانلىق جىنايەت ئۇچۇرلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ ئورتاق بەھرىمەن بولۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇچۇرلارنى توردا دەرھال تەكشۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىش داۋامىدا ۋە ئىشتىن كېيىن نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، كەسىپكارلار قوشۇنىنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، مۇلازىمەت سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، يولۇچىلارنىڭ سەپەرگە چىقىش بىخەتەرلىكى ۋە قانۇنىي ھوقۇق- مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلىش لازىم.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر