باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى

«ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات»تىكى نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنىڭ ئىش تەقسىماتى بېكىتىلىپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك گوۋۇيۈەن مەسئۇلىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئادا قىلىشنى باشلىدى

2018.03.22 15:17         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 21-مارت گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات»تىكى نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنىڭ ئىش تەقسىماتى بېكىتىلدى. يېڭى بىر نۆۋەتلىك گوۋۇيۈەن مەسئۇلىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئادا قىلىشنى باشلىدى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: تۈنۈگۈن يېپىلغان 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنىدا «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات» قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى. گوۋۇيۈەننىڭ ھەر قايسى تارماقلىرى، ئورۇنلىرى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات»تىكى ئورۇنلاشتۇرمىلارنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت ئاساسىي رىتىمى، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتتە راۋاجلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى چۆرىدەپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا كۈچەپ، ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش يېڭى ئېنېرگىيەسى يېتىشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە ياخشىلاشقا كۆپ كۈچىشى كېرەك. يىغىندا «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات»تا ئوتتۇرىغا قويۇلغان 15 جەھەتتىكى 57 نۇقتىلىق ۋەزىپە تۈرمۇ تۈر تەقسىملىنىپ، مەسئۇلىيەت ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، تارماقلار، ئورۇنلاردىن مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە، ئىجتىھات بىلەن ئادا قىلىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش خىزمەت مەسئۇلىيەت تۈزۈمى ئورنىتىپ، 1-قول مەسئۇل ئۆزى تۇتۇپ، باش مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىپ، مۇھىم خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرىدىغان لايىھە ۋە پىلانلارنى چىڭ تۇتۇپ تۈزۈپ، ھەر بىر ۋەزىپىگە تەدبىر بېكىتىپ، سۈرئەت ئورۇنلاشتۇرۇپ، مەسئۇل كىشى قويۇپ، بازار ۋە ئامما تەقەززا بولۇۋاتقان نۇقتىلىق تەدبىرلەرنى چىڭ تۇتۇپ ئېلان قىلىپ يولغا قويۇپ، تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا، پۈتۈن يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ ئاساسلىق نىشان-ۋەزىپىلىرىنى تاماملاپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك گوۋۇيۈەن خىزمىتىدە ياخشى باشلىنىش ھاسىل قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر