خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭ مارالبېشى ناھىيەسى چوڭقۇرچاق يېزىسىدىكى بىر ياڭاقلىقتا، شىنجاڭ ئورمانچىلىق پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ تەتقىقاتچىسى جاڭ چياڭ (ئالدى رەت ئوڭدا) كەنت ئاھالىلىرىگە ياڭاقنى پەرۋىش قىلىش تېخنىكىسىنى چۈشەندۈرمەكتە (3-ئاينىڭ 15-كۈنى فوتوسى).
ئەتىيازلىق كۈن-تۈن تەڭلىشىش مەزگىلىدە، ئۆز قەرەلىدە كەلگەن چاڭ-توزان تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ غەربىي چېتىگە جايلاشقان شىنجاڭ قەشقەرگە بىر قەۋەت «نېپىز شايى» ياپقان بولسىمۇ، لېكىن دەرەخ شاخلىرىدىكى ئىللىق باھارنى توسۇپ قالالماي، بۇ قۇملۇقتىكى بوستانلىقنى ھەممىدىن بۇرۇن ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا تەييارلىق قىلىشنىڭ ئالدىراش پەسلىگە كىرىشكە ئالدىراتتى.
مارالبېشى ناھىيەسىنىڭ چوڭقۇرچاق يېزىسىدىكى بىر ياڭاقلىق باغدا، مۇخبىر تاسادىپىي پۇرسەتتە بىر مەيدان كاتتا «يىغىلىش» — شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە باغۋەنچىلىكىدە سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشتىكى «مىليونلىغان كىشىنى تەربىيەلەش ھەرىكىتى»گە داخىل بولدى. شىنجاڭ ئورمانچىلىق پەنلەر ئاكادېمىيەسىدىن كەلگەن چىلانچىلىق، ياڭاقچىلىق مۇتەخەسسىسلىرى شۇ جايدىكى 300دىن ئارتۇق كەنت ئاھالىسىگە نەق مەيداندا مېۋىلىك دەرەخلەرنى پەرۋىش قىلىشنى چۈشەندۈردى ۋە ئۈلگە كۆرسەتتى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى