باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ ۋە كانادا زۇڭلىسى تىرودو «جۇڭگو-كانادا ساياھەت يىلى» پائالىيىتىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا تەبرىك سۆزى قىلدى

2018.03.23 15:53         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2018-يىللىق «جۇڭگو-كانادا ساياھەت يىلى» پائالىيىتىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى 21-مارت كانادانىڭ تورونتو شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ ۋە كانادا زۇڭلىسى تىرودو باشلىنىش مۇراسىمىدا تەبرىك سۆزى قىلدى.

  لى كېچياڭ تەبرىك سۆزىدە مۇنداق دېدى: ساياھەت جۇڭگو-كانادا ھەمكارلىقىدىكى مۇھىم ساھە، شۇنداقلا ئۆز ئارا ئېچىۋېتىش كۆزنىكى ۋە دوستلۇق ۋاسىتىسى. يېقىنقى يىللاردا، ئىككى دۆلەتنىڭ ساياھەت ئالاقىسى تېخىمۇ قولايلىقلاشتى، 2017-يىلى ئۆزئارا بارغان، كەلگەن ساياھەتچىلەر 1 مىليون 500 مىڭ ئادەم(قېتىم)دىن ئېشىپ، يېڭى تارىخىي رېكورت يارىتىلدى. 2018-يىللىق «جۇڭگو-كانادا ساياھەت يىلى» ئىككى تەرەپنىڭ ساياھەت ئالاقىسىنى كېڭەيتىش، ئادىمىيەت ئالاقىسىنى كۈچەيتىش، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا يېڭى پۇرسەت ئېلىپ كېلىدۇ. ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ گۈزەل ساياھەت مۇساپىسىدە دوستلۇقنى يەنىمۇ كۈچەيتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تەقەززامەن.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر