باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تور بېكىتى خاككېرلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى

2018.03.23 14:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: رۇسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 3-ئاينىڭ 22-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تور بېكىتى شۇ كۈنى بىر قەدەر زىچ بولغان خاككېرلار ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان، بۇ خاككېرلار ھۇجۇمى غەربىي ياۋروپا، شىمالىي ئامېرىكا ۋە ئۇكرائىنادىن كەلگەن.

  رۇسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات سۆزىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق خەۋەر قىلدى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئورگان تورىدا ئۈچ خىل يېڭى تىپلىق قورالغا ئىسىم قويۇش ئۈچۈن بېلەت تاشلاش پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرۇلغان بولۇپ، ئەسلىدە 3-ئاينىڭ 22-كۈنى سائەت 8 دە ئاخىرلىشىشى پىلان قىلىنغان، پائالىيەت ئاخىرلىشىشتىن بىر سائەت بۇرۇن، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تور بېكىتى يەتتە قېتىم خاككېرلار ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى، بۇنىڭ ئىچىدە بەش قېتىملىقى ئوتتۇرھال دەرىجىدە، ئىككى قېتىملىقى كۈچلۈك دەرىجىدىكى ھۇجۇم بولدى، بۇ خاككېرلار ھۇجۇمى غەربىي ياۋروپا، شىمالىي ئامېرىكا ۋە ئۇكرائىنادىن كەلگەن.

  رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى مۇنداق بىلدۈردى: كومپيۇتېر بىخەتەرلىكى تارماقلىرى بۇ قېتىملىق خاككېرلار ھۇجۇمىنى ئوڭۇشلۇق توسۇپ قالغان.

  ئاۋامنىڭ توردا بېلەت تاشلىشى ئارقىلىق، ئۈچ خىل يېڭى تىپتىكى قورالغا شۇ كۈنى ئىسىم قويۇلغان. لازېر قوراللىرى سىستېمىسىغا «پېرېسۋېت»، سۇ ئاستىدىكى ئادەمسىز كېمىگە «پوسېيدون»، يادرو ئېنېرگىيەلىك چارلىغۇچى باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا «بورانقۇش» دەپ نام قويۇلغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر