باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

4-ئايدا يولغا قويۇلىدىغان يېڭى بەلگىلىمىلەر: كودنى سىكاننېرلاپ چىقىم قىلىشقا چەك قويۇلىدۇ، مۇھىت ئاسراش بېجى ئېلىنىدۇ

2018.03.26 16:12         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  4-ئايدىن باشلاپ ستاتىك كودنى سىكاننېرلاپ چىقىم قىلىشنىڭ كۈندىلىك نورمىسى 500 يۈەن بولىدۇ

  جۇڭگو خەلق بانكىسى 2017-يىل 12-ئاينىڭ 27-كۈنى كود(سىزىقلىق كود، ئىككى ئۆلچەملىك كود) ئارقىلىق چىقىم قىلىش ئۆلچىمىنى ئېلان قىلىپ، ئاز سوممىلىق، قولايلىق بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، كود ئارقىلىق چىقىم قىلىش خەۋپ-خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىقتىدارىنى دەرىجىگە ئايرىپ، ئوخشاش بولمىغان كۈندىلىك سودىلىشىش نورمىسىنى بېكىتتى، بۇ ئۆلچەم 2018-يىلى 4-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

  ستاتىك كود(ئالدىن چاپلاپ قويۇلغان ئىككى ئۆلچەملىك كود)نى ئاسان ئويدۇرۇپ چىقارغىلى ياكى ئۆزگەرتكىلى بولىدىغان، ئاسانلا ۋىرۇسلىنىپ قالىدىغان بولغاچقا، مەركىزىي بانكا ستاتىك كود ئارقىلىق چىقىم قىلغاندا خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىقتىدارىنىڭ D دەرىجىدە بولىدىغانلىقى، مەيلى قايسى خىلدىكى سودىلىشىش ئۇسۇلىنى قوللىنىشتىن قەتئىينەزەر ئوخشاش بىر مۇئامىلىدار بانكا ۋە چىقىم قىلىش ئاپپاراتىنىڭ بىر كۈنلۈك سودىلىشىش سوممىسىنىڭ 500 يۈەندىن ئاشماسلىقىنى بەلگىلىدى. مەسىلەن: ئىستېمالچى ئۈندىدار قاپچۇقى بىلەن ستاتىك كودنى سىكاننېرلاپ چىقىم قىلغاندا، پارچە خىراجەت بىلەن چىقىم قىلىشنىڭ كۈندىلىك سوممىسى ئەڭ كۆپ بولغاندا 500 يۈەندىن ئاشمايدۇ، شۇنداقلا ئۈندىدارغا باغلانغان بارلىق بانكا كارتىلىرى بىلەن ئايرىم يەنە 500 يۈەن چىقىم قىلالايدۇ. دىنامىكىلىق كود(يان تېلېفوندا رېئال ۋاقىتتا ھاسىل بولغان كود)نى ئىشلىتىپ چىقىم قىلغاندا، خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىن ئېلىش ئىقتىدارى سودىلىشىش ئۇسۇلىغا ئاساسەن A、B、C ئۈچ دەرىجىگە ئايرىلىدۇ، ئوخشاش بىر مۇئامىلىدارنىڭ كۈندىلىك سودىلىشىش چېكى ئايرىم-ئايرىم ھالدا A ئۆز ئالدىغا بېكىتىدۇ، Bنىڭ 5000 يۈەن، Cنىڭ 1000 يۈەن بولىدۇ.

  4-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ مۇھىت ئاسراش بېجى ئېلىنىدۇ

  دۆلەت باج باش ئىدارىسى بۇ يىل 2-ئايدا ئېلىمىز 2018-يىلى يېڭىدىن يولغا قويىدىغان مۇھىت ئاسراش بېجىنى 4-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ ئالىدىغانلىقىنى سىرتقا ئېلان قىلدى. شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 27-فېۋرالدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى باج ئورگانلىرى 260 مىڭدىن ئارتۇق ئورۇننىڭ مۇھىت ئاسراش بېجى تاپشۇرىدىغانلىقىنى پەرقلەندۈرۈپ بېكىتكەن.2018-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ مۇھىت ئاسراش بېجى رەسمىي يولغا قويۇلدى، ئېلىمىز تارىخىدىكى تۇنجى مۇھىت ئاسراشنى مەقسەت قىلغان باج تۈرى بارلىققا كەلدى. مۇھىت ئاسراش بېجى پەسىل بويىچە ئىلتىماس قىلىنىدۇ. مۇھىت ئاسراش بېجى قانۇنىغا ئاساسەن، مۇھىت ئاسراش بېجى ئېلىش دائىرىسى مۇھىتقا بىۋاسىتە قويۇپ بېرىلىدىغان گاز، سۇيۇقلۇق، قاتتىق جىسىم ۋە شاۋقۇن قاتارلىق بۇلغىمىلاركەن. مۇھىت ئاسراش بېجى تاپشۇرغۇچىلار جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تەۋەسى ۋە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدىكى باشقا دېڭىز رايونلىرىدا مۇھىتقا باج تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك بۇلغىمىلارنى بىۋاسىتە قويۇپ بېرىدىغان كارخانا، كەسپىي ئورۇن ۋە باشقا ئىشلەپچىقىرىش تىجارەتچىلىرىكەن. بۇ مۇھىتقا باج تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك بۇلغىمىلارنى بىۋاسىتە قويۇپ بەرمەيدىغانلارنىڭ مۇھىت ئاسراش بېجى تاپشۇرمايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئاھالىلەرمۇ باج تاپشۇرغۇچىلار قاتارىغا كىرمەيدۇ، مۇھىت ئاسراش بېجى تاپشۇرمايدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر