باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېشىش سۈرئىتى مۇقىم، قۇرۇلمىسى ياخشى، ئۈنۈمى يۇقىرى

جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ كۆزلىمىسى مۇقىم بولدى، بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ ئىشەنچىسى ئاشتى

2018.03.26 16:47         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: باھاردا كۆزلىمىگە نەزەر سېلىندى، جۇڭگو ئىشەنچكە تولدى. بۇلتۇر، جۇڭگو ئىقتىسادى كۆزلىمىدىن ئېشىپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئۇدا ئالتە يىل تۆۋەنلىگەندىن كېيىن تۇنجى قېتىم ئازراق ئۆرلەپ، مۇھىم ۋەزىيەت شەكىللىنىپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى ياخشىلاش، كارخانىلارنىڭ پايدىسىنى ئاشۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدە يارقىن نۇقتىلار گەۋدىلەندى. بۇمۇ بۇ يىللىق ئىقتىساد كۆزلىمىسىنى باھار كىرىشى بىلەنلا ھەر قايسى تەرەپلەر كۆڭۈل بۆلىدىغان قىزىق نۇقتىلىق تېمىغا ئايلاندۇردى.

  مال باھاسى ___ 2018-يىللىق مال باھاسىنىڭ ئېشىش نىسبىتىنى 2017-يىلىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا ئانچە چوڭ ئۆزگىرىش بولمايدۇ. دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى جۇڭگو ئىقتىسادىي گۈللىنىشنى كۆزىتىش مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى پەن جيەنچېڭ مۇنداق دېدى: ئېلىمىزنىڭ ئىستېمال باھا مۇھىتىدا چوڭ ئۆزگىرىش بولمايدۇ، بىرىنچىدىن ئاشلىقتىن ئۇدا ھوسۇل ئېلىش يېمەكلىك باھاسىنىڭ مۇقىملىقىغا ئاساس سالدى؛ ئىككىنچىدىن بىرلەمچى ئىشلەپچىقارغۇچى مال باھا كۆرسەتكۈچى(PPI)دە ھازىر ئۆرلەش نىسبىتى تۆۋەنلەش ھالىتى كۆرۈلۈپ، سانائەت بۇيۇملىرى باھاسىنىڭ ئۆرلىشىنىڭ ئىككىلەمچى مەھسۇلاتلارغا يۆتكىلىش بېسىمىنى يېنىكلەتتى؛ ئۈچىنچىدىن ئىستېمال قۇرۇلمىسى دەرىجىسىنىڭ ئۆسۈشى ۋە ئادەم كۈچى تەننەرخىنىڭ ئۆرلىشى تۈرتكىسىدە مۇلازىمەت باھاسىنىڭ داۋاملىق ئاستا ئۆسۈش يۆنىلىشى داۋاملىشىدۇ.

  ئېشىش سۈرئىتى ___ گوۋۇيۈەن تەرەققىيات تەتقىقات مەركىزى ماكرولۇق ئىقتىساد تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى چېن چاڭشېڭ مۇنداق دېدى: بۇلتۇرقى ئىجابىي ئۆزگىرىش جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئالتە يىلدىن كۆپرەك تەڭشىشىنى يەنىمۇ ئىسپاتلىدى، ھازىر ئوتتۇرا-يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىش سۇپىسى ئاساسىي جەھەتتىن ئورنىتىلىپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىدا زور تۆۋەنلەش بېسىمى يوق، يېڭى سۇپىنى چۆرىدەپ كىچىك نىسبەتتە ئۆزگىرىدۇ.

  ئىشەنچ ___ مەركىزىي بانكا يېقىندا ئېلان قىلغان 2018-يىلى 1-پەسىللىك تەكشۈرۈش دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، كارخانىچىلارنىڭ ئىشەنچ كۆرسەتكۈچى %74.3 كە يېتىپ، ئالدىنقى پەسىلدىكىدىن 2.5 پىرسەنت پوئىنت ئېشىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 12.7 پىرسەنت پوئىنت ئاشقان؛ بانكىرلار ماكرولۇق ئىقتىساد ئىشەنچ كۆرسەتكۈچى %81.9كە يېتىپ، ئالدىنقى پەسىلدىكىدىن 2.8 پىرسەنت پوئىنت ئاشقان. گوۋۇيۈەن تەرەققىيات تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋاڭ يىمىڭ مۇنداق دېدى: يۇقىرى سۈپەتتە راۋاجلىنىشقا ئۆزگىرىش جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىش شارائىتىدا يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئىقتىسادنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرگەنلىك بولۇپ، بۇ جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئىجادچانلىقى ۋە ئېشىشىدىكى ئىمكانىيەتلىك سىجىللىقىنى ئاشۇرۇپلا قالماي، يەنە پۈتۈن دۇنيادىكى كارخانىلارغا يېڭى پۇرسەت يارىتىپ، دۇنيا ئىقتىسادىغا يېڭى تۈرتكە قوشىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر