3- ئاينىڭ 21- كۈنى، كانادانىڭ تورونتو شەھىرىدە، كانادا چوڭ-كىچىك كارخانا ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى باسىشېن زاگەت «جۇڭگو-كانادا ساياھەت يىلى»نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلماقتا.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2018- يىللىق «جۇڭگو-كانادا ساياھەت يىلى»نىڭ باشلىنىش مۇراسىمى شۇ يەر ۋاقتى 21- چېسلا كانادانىڭ تورونتو شەھىرى تۆت پەسىل ئويۇن سەنئەت مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى، ئىككى دۆلەت ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ۋە ھەر ساھە ۋەكىللىرىدىن 1000دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى