باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا، يالغانچىلىق قىلغانلارنىڭ ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىش سالاھىيىتى ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ

2018.03.27 16:09         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ۋاسىتىچى ئاپپاراتلارنىڭ كۆتۈرۈۋېلىپ ھۆددىگە ئېلىشى ئارقىلىق، ئىمتىھاندىن ئىلگىرىكى يېتەكچىلىك قىلىش، ئاتالمىش پاتېنت ماقالىسى بىلەن تەمىنلەش قاتارلىق ناملار بىلەن ساختا تەشۋىقات ئېلىپ بارغان ۋە بايلىق توپلىغان، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ نورمال ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تەرتىپىگە تەسىر يەتكۈزگەن ئەھۋاللارغا قارىتا، مائارىپ مىنىستىرلىقى مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ئالىي مەكتەپلەر ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا، سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش ۋە باھالاش خىزمىتىنى تېخىمۇ قاتتىق تۇتۇپ ئىشلەپ، تىزىمغا ئالدۇرۇش شەرتىدە قاتتىق بولۇش، ماتېرىياللارنى تەكشۈرۈشتە قاتتىق بولۇش، مەكتەپلەرنى باھالاشتا قاتتىق بولۇش، نازارەت قىلىش ۋە چەكلەشتە قاتتىق بولۇش، ساختا مەھسۇلاتلارنى ياساشتا قاتتىق بولۇش قاتارلىق «بەشتە قاتتىق بولۇش»تا چىڭ تۇرۇش كېرەك. بۇ، مۇخبىر مائارىپ مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىگەن خەۋەر.

  مائارىپ مىنىستىرلىقى يەنە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشى بولسا، دۆلەت مائارىپ ئىمتىھانىنىڭ تەركىبى قىسمى بولۇپ، ئۇنىڭدا، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىمتىھان ئېلىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش شارائىتىنى يەنىمۇ پاكىزلاش ۋە مائارىپ ئادىللىقىنى قوغداش ئۈچۈن، مۇناسىۋەتلىك تارماقلار ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش بىلەن ھەر تۈرلۈك باغلىنىشى بولغان ئالدامچىلىق ۋە ساختىپەزلىك قىلمىشلىرىغا قاتتىق زەربە بېرىدۇ. ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا، ساختا ماتېرىيال تاپشۇرۇپ ئىمتىھان بەرگۈچىلەر، «دۆلەت مائارىپ ئىمتىھانىدا بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلارنى بىر تەرەپ قىلىش چارىسى» ۋە «ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارنى ۋاقىتلىق بىر تەرەپ قىلىش چارىسى» قاتارلىق چارە-تەدبىرلەرگە مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەر بويىچە قاتتىق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. ساختىلىق قىلغانلىقى تىزىمغا ئالدۇرۇش باسقۇچىدا تەكشۈرۈپ ئېنىقلانسا، ئۇنداقلارنىڭ ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھان بېرىش سالاھىيىتى ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، شۇ يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش سالاھىيىتى ئەمەلدىن قالدۇرىلىدۇ؛ مەكتەپكە قوبۇل قىلىنىشتىن بۇرۇن تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغانلىرىنىڭ مەكتەپكە قوبۇل قىلىنىش سالاھىيىتى ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ؛ مەكتەپكە قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىن تەكشۈرۈپ ئېنىقلانسا، قوبۇل قىلىنىش سالاھىيىتى ياكى مەكتەپ تەۋەلىكى ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ. ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا، مەكتەپلەر، ئورۇنلار ۋە شەخسلەردە نەپسانىيەتچىلىك قىلغان ياكى ئىمتىھان بەرگۈچىنىڭ ساختىلىق قىلىشىغا ياردەم بەرگەنلەرنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتە قىلىنىپ، قاتتىق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ؛ جىنايەتكە چېتىلىدىغانلىرى ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشىغا سۇنۇلىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، 2017- يىلى، ئالاقىدار ئالىي مەكتەپلەر ئۆلكە دەرىجىلىك مائارىپ تارماقلىرى ۋە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھان ئاپپاراتلىرى بىلەن بىرلىكتە، ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تۈرىگە ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ تىزىملىتىش ماتېرىياللىرى ئۈستىدە قاتتىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. ساختىلىق قىلىپ ئىمتىھان بەرگۈچىلەرگە قارىتا، ئالاقىدار ئالىي مەكتەپلەر ۋە مائارىپ تارماقلىرى شۇ ساختىپەزلەرنىڭ شۇ يىللىق ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تۈرى بويىچە ئىمتىھان بېرىش سالاھىيىتى ۋە ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىش سالاھىيىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشتەك قاتتىق جازالار بىلەن جازالىغان. مائارىپ مىنىستىرلىقى شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە كەڭ ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنى قانۇن بەلگىلىمىلەرگە رىئايە قىلىپ، ئۆزىنىڭ ھەقىقىي بىلىمىگە تايىنىپ، ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تۈرىگە ئىمتىھان بېرىشى، ھەرگىزمۇ ھەرقانداق ئاپپارات ۋە باشقىلارنىڭ ئازدۇرۇشىغا ئىشەنمەسلىكى، ئالدىنىپ قېلىپ زىيان تارتىپ قېلىشىدىن ساقلىنىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر