باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يەتتە تارماق «يېشىل قالقان 2018» مەخسۇس ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇردى

469 دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى تازىلىنىدۇ

2018.03.29 16:14         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرلىقى، تەبىئىي بايلىق مىنىستىرلىقى قاتارلىق يەتتە تارماق يېقىندا سىن يىغىنى ئېچىپ، بىرلىكتە «يېشىل قالقان 2018» تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونلىرىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش مەخسۇس ھەرىكىتىنى ئورۇنلاشتۇردى.2017-يىلى 7-ئايدىن 12-ئايغىچە، ئەسلىدىكى مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقى قاتارلىق يەتتە تارماق «يېشىل قالقان 2017» دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونلىرىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش مەخسۇس ھەرىكىتىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، 446 دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىغا چېتىلىدىغان مەسىلە يىپ ئۇچىدىن 20 مىڭ 800نى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان 2460تىن ئارتۇق كارخانىنى تاقاپ ئەمەلدىن قالدۇردى. 13 مىڭ 100دىن ئارتۇق مەسىلىنى تۈزىدى، بۇ بايقالغان ئومۇمىي مەسىلىنىڭ %63نى ئىگىلىدى، قالغان مەسىلىلەر ھېسابات دەپتىرىگە كىرگۈزۈلۈپ، تۈزىتىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىنماقتا.

  ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرلىقىنىڭ مەسئۇلى مۇنداق دېدى: «يېشىل قالقان 2018» مەخسۇس ھەرىكىتىنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىسى «يېشىل قالقان 2017» مەخسۇس ھەرىكىتىدە بايقالغان كونا مەسىلىلەرنىڭ تۈزىتىلىش ئەھۋالىنى قايتىدىن تەكشۈرۈش. شۇنىڭ بىلەن بىللە، «زاپاسنى كېمەيتىپ، ئېشىشنى كونترول قىلىپ» تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىدىكى قانۇن-بەلگىلىمىگە خىلاپ يېڭى مەسىلىلەرنى قەتئىي تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش. ھەر دەرىجىلىك ئېكولوگىيەلىك مۇھىت تارماقلىرى باش مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي زىممىسىگە ئېلىپ، كۆڭۈل قويۇپ پىلانلاپ، ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرۇشى، جايلار، تارماقلار مەسئۇلىيەت تەقسىماتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، 469 دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى ۋە 847 ئۆلكە دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىنى ئومۇميۈزلۈك رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ، ئاساسىنى ئومۇميۈزلۈك ئېنىقلاپ، مەسىلە ھېساباتى قۇرۇپ، ئارخىپ تۇرغۇزۇپ، كارتا تارقىتىپ، گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى دەل جايىدا ھەل قىلىپ، جايلاردىكى ھەر دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونلىرىنىڭ باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر